يانار تاغنىڭ پارتلىشى
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
دۇنيادىكى يانار تاغلار خىلمۇخىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ پارتلىشىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ھىندونېزىيىنىڭ سۇمباۋا ئارىلىدىكى تامبورا يانار تېغى «مىجەزى چۇس» يانار تاغ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ1815 - يىل4 - ئاينىڭ5 - كۈنى پارتلىغان ۋاقىتتا، پارتلاش ئاۋازى1600 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۇماتېرا ئارىلىنىمۇ زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن. ئىس - تۈتەك، چاڭ - توزانلار480 كىلومېتىر دائىرىدىكى كۈن نۇرىنى توسۇۋالغان. بۇ قېتىمقى پارتلاش ئۈچ ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلغان، ئېتىلىپ چىققان ماددىلار150 كۇب كىلومېتىرغا يەتكەن، تاغ ئۈستىدىن1250 مېتىر قېلىنلىقتىكى تاغ جىنسى يىمىرىلىپ،11 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يانار تاغ ئېغىزى شەكىللەنگەن. يانار تاغنىڭ بۇ قېتىملىق پارتلاش كۈچى200 مىڭ ئاتوم بومبىسىنى پارتلاتقانغا ياكى1976 - يىلى ئېلىمىزنىڭ تاڭشەن شەھىرىدىكى زور يەر تەۋرەشتە قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ500 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.
ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى يانار تاغ «مىجەزى مۇلايىم» يانار تاغ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ پارتلىغان ۋاقىتتا، يانار تاغ لاۋىلىرى جىمجىتقىنە ئېقىپ چىقىپ، ھەيۋەتلىك لاۋا شارقىراتمىسى ۋە لاۋا ئېقىنىنى شەكىللەندۈرگەن.
يانار تاغ نېمە ئۈچۈن پارتلايدۇ؟ ئەسلىدە يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قاتتىق قىزىغان ماگما بولىدۇ. غايەت زور بېسىم كۈچى ئاستىدا ماگما ئاجىز جايلارنى بويلاپ يەر پوستىنى تېشىپ ئۆتۈپ، يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىدۇ - دە، يانار تاغنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يانار تاغلار ھەرىكەتتىكى يانار تاغ، ئۆچكەن يانار تاغ ۋە ئۇيقۇدىكى يانار تاغ دەپ بۆلۈنىدۇ. ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان تامبورا يانار تېغى بىلەن ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى يانار تاغ ھازىر يەنىلا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ھەرىكەتتىكى يانار تاغ دېيىلىدۇ. ئۆچكەن يانار تاغ تارىختىن بۇرۇن پارتلىغان، لېكىن تارىختا پارتلىغانلىقىغا ئائىت خاتىرىلەر بولمىغان يانار تاغلارنى كۆرسىتىدۇ. ئېلىمىزدە600 دىن كۆپرەك يانار تاغ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆچكەن يانار تاغلاردۇر. تارىختا پارتلىغىنىغا ئائىت خاتىرىلەر بولسىمۇ، لېكىن تا ھازىرغىچە پارتلىمىغان يانار تاغلار ئۇيقۇدىكى يانار تاغلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيقۇدىكى يانار تاغلار تۇيۇقسىز «ئويغىنىپ» ھەرىكەتتىكى يانار تاغلارغا ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن.
يانار تاغنىڭ شىددەتلىك پارتلىشى كەڭ كۆلەمدىكى يەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇن ھاياتلىق ۋە مال - مۈلۈكنى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. بىراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، يانار تاغلار جايلاشقان رايونلار ھەمىشە نوپۇس زىچ رايونلاردۇر، ياپونىيىدىكى ناسۇ يانار تېغى بىلەن فۇجى يانار تېغىنىڭ ئەتراپى دەل نوپۇس زىچ رايونلاردۇر. ئەسلىدە يانار تاغ پارتلىغاندا ئېتىلىپ چىققان يانار تاغ كۈلى ناھايىتى ياخشى تەبىئىي ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ. فۇجى تېغى رايونىدا ئۈجمە دەرىخى ناھايىتى ياخشى ئۆسىدۇ، شۇڭا يىپەكچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق؛ ۋېزۇۋىي يانار تاغ رايونىدا ئۈزۈمنىڭ مەھسۇلاتى ناھايىتى يۇقىرى. يانار تاغ رايونىنىڭ مەنزىرىسى ئاجايىپ - غارايىپ بولۇپ، مەشھۇر ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ.
ئىنسانلاردا يانار تاغ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى بولمىغان ئەھۋالدا، ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىش يانار تاغ ئاپىتىدىن ساقلىنىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ھېسابلىنىدۇ. ئالىملار يانار تاغ پارتلاش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان ۋاقىتتا، دائىم ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشتىن پايدىلىنىدۇ. نۇرغۇن ھايۋانلار يانار تاغ پارتلاشتىن بۇرۇن بالا - قازانىڭ شەپىسىنى سەزگەندەك يىراق جايلارغا كېتىدۇ. ھىندونېزىيىدىكى ياۋا ئارىلىدا بىر خىل غەلىتە ئۆسۈملۈك بولۇپ، يانار تاغ پارتلاشتىن بۇرۇن گۈلى ئېچىلىدۇ، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «يانار تاغنىڭ پارتلىشىدىن بىشارەت بەرگۈچى گۈل» دەپ ئاتىشىدۇ.