گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى
گۈزەللىك بىلىملىرى
ھەممە ئادەم گۈزەللىكنى سۆيىدۇ. ئەمما، گۈزەللىك نېمە؟ دېگەن سوئالغا ھەممىلا كىشى جاۋاب بېرەلمەيدۇ. گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى جەھەتتىن ئېيتقاندا، گۈزەللىك كونكرېت سەزگىلى بولىدىغان ئوبراز، كۆڭۈلگە ياقىدىغان ئوبراز، ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئوبرازدۇر.
گۈزەللىك كونكرېت سەزگىلى بولىدىغان ئوبراز. گۈزەللىكلا بولىدىكەن، كىشىلەرنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى بىۋاسىتە ئىدراك قىلالايدۇ ھەم كونكرېت بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۆپكۆك تاغ - دەريالار، رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى گۈزەللىك، مەسىلەن، مەدەنىي ھەرىكەت، يارىشىملىق كىيىم، ئالىيجاناب ئىدىيە قاتارلىقلارمۇ كونكرېت ھەرىكەت، شەكىل، نەتىجىلەردە گەۋدىلىنىدۇ. بەدىئىي گۈزەللىك تېخىمۇ ئوبرازلىق بولىدۇ، مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل - سەنئەت، دراما، كىنو قاتارلىقلاردا كىشىلەر روشەن، جانلىق ۋە كونكرېت ئوبرازلار ئارقىلىقلا گۈزەللىكنى ھېس قىلالايدۇ.
گۈزەللىك كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئوبراز. ھەممىلا ئوبراز گۈزەل بولىۋەرمەيدۇ، كۆرۈمسىز ئوبرازلار كىشىنى بىزار قىلىدۇ. كىشىگە شادلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدىغان ئوبرازلارلا گۈزەل بولىدۇ. كىشىلەر مەنزىرە، شەيئى، سەنئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن كۆڭلىدە تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز بىر خىل شادلىق تۇيغۇسى زاھىر بولىدۇ. مەسىلەن، بەخت تۇيغۇسى، خۇشاللىق تۇيغۇسى، سۆيۈنۈش تۇيغۇسى، مەنىۋى ھاياجان، روھىي ئازادىلىك دېگەندەك، مانا بۇلار گۈزەللىك ئادەمگە ئېلىپ كەلگەن شادلىق تۇيغۇسىدۇر. دۈشمەننى باتۇرلۇق بىلەن قىرغان ئوبرازلار كىشىنى قايىل قىلىدۇ، ھاياجانلاندۇرىدۇ؛ ئەكسىچە، لۈكچەك - جېدەلخور ئوبرازلار كىشىنى بىزار قىلىدۇ.
گۈزەل ئوبراز ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇڭا كىشىدە شادلىق تۇيغۇسى قوزغايدۇ. كىشىلەر ھەيۋەتلىك سەددىچىن سېپىلى، كۆركەم ئەلئېھرام، نەپىس ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئۇلار ئادەمنىڭ ئىجادىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى، كىشىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەنلىكى ئۈچۈن ياقتۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەمگەك ھەممىنى يارىتىدۇ، جۈملىدىن گۈزەللىكنىمۇ يارىتىدۇ. ئادەم ئەمگەك جەريانىدا گۈزەللىكنى ياراتقان. گۈزەللىك ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، كۆڭۈلگە شادلىق بەخش ئېتىدىغان ئوبرازدۇر.