گۈزەل ئادەم ۋە ئادەم گۈزەللىكى
گۈزەللىك بىلىملىرى
ئادەم ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ خوجايىنى. ھەرخىل گۈزەل شەكىل ۋە شەيئىلەر ئىچىدە ئادەم ئەڭ گۈزەل. ئادەمنىڭ گۈزەللىكى تاشقى گۈزەللىك ۋە ئىچكى گۈزەللىكتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئىچىگە ئالىدۇ. تاشقى گۈزەللىك ئادەمنىڭ قىياپىتى، تۇرقى، كىيىمى، ھەرىكىتى، سالاپىتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ، ئىچكى گۈزەللىك ئادەمنىڭ مەنىۋى خىسلىتى، قەلبى ۋە كەيپىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىچكى گۈزەللىك تاشقى گۈزەللىك ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ، تاشقى گۈزەللىك ئىچكى گۈزەللىكنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى كېرەك، ئادەمنىڭ گۈزەللىكى تاشقى گۈزەللىك بىلەن ئىچكى گۈزەللىكنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت.
ئادەمنىڭ گۈزەللىكى ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئىچكى گۈزەللىك، يەنى قەلب گۈزەللىكىدۇر يۇنان پەيلاسوپى دېموكرىت: »بەدەن گۈزەللىكى ئەقىل بىلەن بىرلەشمىسە، ئۇ مەلۇم ھايۋانىي نەرسىدىن ئىبارەت بولىدۇ« دېگەن. گىرمانىيە شائىرى ھېنرىخ ھېينى: «بارلىق مەخلۇقاتلار ئىچىدە ئادەم قەلبىدەك گۈزەل، ياخشى نەرسە يوق» دېگەن. رۇس يازغۇچىسى لېﻒ تولستوي: «ئادەم گۈزەل بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس، سۆيۈملۈك بولغىنى ئۈچۈن گۈزەل» دېگەن. بىر گۈزەل قەلب ئۇلۇغۋار غايە، ئىلمىي ئىدىيە، مول بىلىم، پاك ھېسسىيات، ئالىيجاناب ئەخلاق، دۇرۇس پەزىلەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇلارنىڭ ئىچىدە غايە ئەڭ مۇھىم. گۈزەللىكنى ھەقىقىي سۆيگۈچى كىشى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ قەلبىنى گۈزەللەشتۈرۈشى كېرەك.
قەلب گۈزەللىكى ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىپ، ھەرىكەت گۈزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بىرەر كىشىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ گۈزەل ياكى گۈزەل ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشتە، ئاۋۋال شۇ كىشىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە قارىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ۋەتەن، خەلققە پايدىلىق، تارىخنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار ھەرىكەتلا بولىدىكەن، ئۇ گۈزەل ھەرىكەت بولىدۇ. ئالىملارنىڭ كەشپىياتى، تەنتەربىيىچىلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى، جەڭچىلەرنىڭ باتۇرلۇقى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ زور تۆھپىسى... بۇ ھەرىكەتلەرنى خەلقنىڭ مەدھىيىلىشى ۋە ياقتۇرۇشى ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە يول قويۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كېسەل - مېيىپلارغا ھېسداشلىق قىلىش، ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدە - يوسۇنلۇق بولۇش، گەپتە مۇلايىم بولۇش، تۈزۈتلۈك - كەمتەر بولۇش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ.
تاشقى گۈزەللىك بىلەن ئىچكى گۈزەللىك بەزىدە بىر - بىرىگە زىت بولۇپ قالىدۇ. بەتنىيەت سەتەڭلەرنىڭ تېشى زەر، ئىچى زەھەر بولىدۇ؛ ئىرادىلىك مېيىپلارنىڭ تۇرقى كۆرۈمسىز بولغىنى بىلەن ئىچى گۈزەل بولىدۇ. تۈپتىن ئېيتقاندا، ئىچى زەھەر ئادەملەر گۈزەل ھېسابلانمايدۇ. تاشقى قىياپىتى كۆرۈمسىز كىشىلەر گۈزەل قەلب ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ نۇقساننى تولدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. گۈزەل تۇرمۇشنى ئادەم يارىتىدۇ، پەقەت گۈزەل ئادەملەرلا تۇرمۇش گۈزەللىكىنى يارىتالايدۇ ۋە نامايان قىلالايدۇ. ئىچكى - تاشقى گۈزەللىكنى يارىتىشقا دىققەت قىلىدىغان كىشى بىرقەدەر مۇكەممەل ئادەم ھېسابلىنىدۇ.