ئەمگەك ئىجتىمائىي گۈزەللىكنى ياراتقان
گۈزەللىك بىلىملىرى
ئىجتىمائىي گۈزەللىك جەمئىيەت ساھەسىدىكى گۈزەللىكنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ يادروسى ئادەم ۋە ئەمگەك. ئىجتىمائىي گۈزەللىك كىشىلەر ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا ياراتقان مەھسۇلاتلار، ئادەمنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتى ۋە ئادەمنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى قاتارلىق كونكرېت ئوبراز بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
ئىجتىمائىي گۈزەللىكنىڭ ئاساسى ئەمگەك گۈزەللىكى. جەمئىيەتتىكى بارلىق گۈزەل ئوبرازلار ئەمگەكتىن كەلگەن. ئەمگەك گۈزەللىكنى ياراتتى، ئەركىن ئەمگەكنىڭ ئۆزى گۈزەللىك، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ئىجادىي پائالىيەت، ئۇ ئەمگەكچى خەلقنىڭ يېڭى تۇرمۇش يارىتىشتىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. كىشىلەر تاقىر يەرلەرنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرىدۇ، تەبىئىي رۇدىلاردىن پولات - تۆمۈر تاۋلايدۇ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ھەرخىل پەننىي بىلىملەرنى جۇغلايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئەركىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ماھىيەتلىك كۈچىنى بىۋاسىتە نامايان قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ قىياننى تىزگىنلىگەن بۈيۈك يۈينى مەدھىيلىشى، تاغنى يۆتكىگەن يۈيگۇڭغا قايىل بولۇشى ئۇلارنىڭ پائالىيىتى كىشىلەرنىڭ ئەركىن ئىجادىي كۈچىنىڭ سىمۋولىغا ۋە گەۋدىلەندۈرگۈچىسىگە ئايلانغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي گۈزەللىكتىن زوقلانغانلىقى ئالدى بىلەن ئادەم ۋە ئەمگەكنى مەدھىيىلىگەنلىكىدۇر.
ئەمگەك گۈزەللىكى ئەركىن ئەمگەكنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ، كىشىلەر ئىختىيارىي ئەمگەك قىلغاندىلا، ئەمگەكنىڭ خوجىسىغا ئايلىنىدۇ، ئەمگەكتىن خۇشاللىق تاپىدۇ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچىنى تولۇق جارى قىلىدۇ. ئەكسىچە، بىر كىشى ئەمگەك سۆيمىسە ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلسا، ئەمگەك گۈزەللىكىنى ھېس قىلالمايدۇلا ئەمەس، بەلكى ئەمگەكتىن بىزار بولىدۇ.
ئىجتىمائىي ئەمگەكنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئەمگەك ھاسىل قىلغان گۈزەللىكتىن ئىبارەت. جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنىڭ گۈزەل ئىپادىلىنىشى، رەت - رەت بىنالار، كۆركەم كىيىملەر، كىشىگە زوق بېغىشلايدىغان كىتابلار ...، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن.
ئىجتىمائىي ئۆرپ - ئادەت گۈزەللىكىمۇ ئىجتىمائىي گۈزەللىكنىڭ بىر تەرىپى. مۇنداق گۈزەللىك ئادەملەر ئارا مۇناسىۋەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچى تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشتىلا ئەمەس، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتتىكى ئۆزئارا تايىنىش ۋە ھۆرمەتلەشتىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. كىشىلەر ياخشى بىر كوللېكتىپ بىلەن بىرلەشكەندىلا، ئازادىلىككە ئېرىشىپ، ھەرقايسىسى ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلالايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ھامان گۈزەل ئىجتىمائىي ئۆرپ - ئادەتكە ئىنتىلىدۇ، مەسىلەن، مەدەنىي - ئەدەپلىك بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئۆزئارا ياردەملىشىش، كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش دېگەندەك.
مۇھىت گۈزەللىكىمۇ ئىجتىمائىي گۈزەللىكنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇ شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش، كەنت - مەھەللىنى گۈزەللەشتۈرۈش، مەكتەپنى گۈزەللەشتۈرۈش، تۇرالغۇنى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە ئادەمنىڭ كىيىنىش گۈزەللىكى، ھەرىكەت گۈزەللىكى، قەلب گۈزەللىكى قاتارلىق تەرەپلەرمۇ بار.