UyghurWiki
UyghurWikiگۈزەللىك بىلىملىرىئېستېتىك تەربىيە

ئېستېتىك تەربىيە

گۈزەللىك بىلىملىرى ئادەتتە دېيىلىدىغان گۈزەللىك تەربىيىسى ئېستېتىك تەربىيىدۇر. ئۇ ئېستېتىك قىياپەت تەربىيىسى ۋە ئېستېتىك تۇيغۇ تەربىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېستېتىك قىياپەت تەربىيىسىدە كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن گۈزەل فورماتسىيە ۋە قۇرۇلمىلاردىن زوقلىنىش ۋە ئۇلارنى تونۇش قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈلىدۇ. ئېستېتىك تۇيغۇ تەربىيىسىدە ئاساسەن كىشىلەرنىڭ ساغلام ئېستېتىك پسىخىكا قۇرۇلمىسى يېتىلدۈرۈلىدۇ. ئۇ سەزگۈ، ئىدراك، ھېسسىيات، تەسەۋۋۇر، چۈشىنىش قاتارلىق پسىخىك قابىلىيەتلەرنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، گۈزەللىكتىن زوقلىنىش قابىلىيىتى ۋە گۈزەللىك يارىتىش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېستېتىك تەربىيىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى مۇكەممەل ئىندىۋىدۇئاللىققا، ساغلام ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈش، خۇددى گېرمانىيە ئېستېتىكاشۇناسى شىللېر ئېيتقاندەك «تەبىئىي ئادەم» نى «ئەخلاقىي ئادەم» گە كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئېستېتىك تەربىيىنىڭ مەركىزى ھېسسىيات تەربىيىسى بولۇپ، كىشىلەرنى ساغلام، ئالىيجاناب ئىچكى ھېسسىياتقا ئىگە قىلىشتۇر. ھېسسىياتنى تاۋلاشقا قورال كېرەك، بۇ قورال ئېستېتىك ئوبيېكت. مەسىلەن، بەدىئىي گۈزەللىك ۋە تەبىئىي گۈزەللىك، بىر ئوقۇغۇچى تەبىئىي پەنلەرنىلا ئوقۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت جەھەتتە ھېسسىياتىنى تاۋلاپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتمىسە، ئۇنىڭ بىلىم دائىرىسى تار بولۇپلا قالماي، قىزىقىش دائىرىسىمۇ چەكلىمىگە ئۇچراپ، ھېسسىياتى تولىمۇ ئاددىيلىشىپ، خۇددى يوپۇرماقلىرىدىن ئايرىلغان دەرەخ غولىدەك ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەلمەيدۇ. ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى سۇس، خاراكتېرى قاتمال ۋە غەلىتە بولۇپ قالىدۇ. ئۆسمۈر - بالىلارغا قارىتا، ئېستېتىك تەربىيىنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، ئەدەبىيات قاتارلىقلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان سەنئەت تەربىيىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتتىكى تۇرمۇش گۈزەللىكىمۇ ئېستېتىك تەربىيىنىڭ ياخشى ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ھەيۋەتلىك تاغلار، شاۋقۇنلاۋاتقان دەريالار، پايانسىز دېڭىز، خىلۋەت ۋە جىمجىت باغچە، دولقۇنلاۋاتقان بۇغداي دېڭىزى، كەڭ كەتكەن دالا، رەتلىك ۋە پاكىز مۇھىت، گارمونىيىلىك تۇرمۇش، بەختلىك ئائىلە قاتارلىق تەبىئەت ۋە جەمئىيەتتىكى گۈزەل مەنزىرە - كۆرۈنۈشلەر كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرۇپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنىمۇ كۈچەيتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار گۈزەللىك بىلىملىرى
ئېستېتىك تەربىيە | UyghurWiki | UyghurWiki