گۈزەللىكنىڭ ئىككى خىل شەكلى
گۈزەللىك بىلىملىرى
دۇنيادىكى گۈزەللىك خىلمۇ خىل بولسىمۇ، يىغىپ كەلگەندە ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، شەكىل گۈزەللىكى، يەنە بىرى، مەزمۇن گۈزەللىكى، مۇشۇ ئىككىسى بىرلىككە كەلگەندىلا، ھەقىقىي گۈزەللىك بولىدۇ.
ھەرقانداق شەيئىنىڭ گۈزەللىكى مۇئەييەن رەڭ، ئاۋاز، ھالەت قاتارلىق گۈزەللىك شەكىللىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. تۈرلۈك - تۈمەن رەڭ، قۇلاققا ياقىدىغان ئاۋاز، جانلىق ۋە راۋان سىزىقلار بولمىسا، گۈزەللىكمۇ بولمايدۇ، شەكىل گۈزەللىكى بىرەر شەيئىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىدىغان ھېسسىي شەكلى، يەنى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ تاشقى گۈزەللىكىدۇر. گۈزەللىكنىڭ شەكلى ئىچكى شەكىل ۋە سىرتقى شەكىل دەپ بۆلۈنىدۇ. گۈزەللىكنىڭ ئىچكى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئۇنىڭ ئىچكى شەكلى، گۈزەللىك فورمىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ تاشقى شەكلى بولىدۇ. بىرەر ھەيكەلنىڭ كاللەكلىك قۇرۇلمىسى، شەكىل نىسبىتى ئۇنىڭ ئىچكى شەكلى؛ رەڭگى، تۇرقى قاتارلىقلار ئۇنىڭ تاشقى شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
شەكىل گۈزەللىكى چىرايلىق بىر چاپانغا ئوخشايدۇ، ئەمما مۇئەييەن شەيئىگە تايىنىپ، مۇئەييەن مەزمۇننى ئىپادىلىگەندىلا گۈزەل ھېسابلىنىدۇ. گۈزەل شەيئىلەر مەزمۇن گۈزەللىكى بىلەن شەكىل گۈزەللىكىنىڭ بىرلىكىدۇر، شەكىل مەزمۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. يۇمۇلاق شەكىل ۋە ئەگرى سىزىقنىڭ گۈزەل ياكى گۈزەل ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشتە، ئۇ نامايان قىلغان كونكرېت مەزمۇن ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا باغلاپ قاراش كېرەك. يۇمۇلاق توپ گۈزەل، يۇمۇلاق پارتا گۈزەل ئەمەس؛ باغچىدىكى ئەگرى - توقاي چىغىر يول گۈزەل، ئەگرى - بۈگرى ئايروپىلان ئۇچۇش يولى گۈزەل ئەمەس. دېمەك، گۈزەل شەكىل مۇئەييەن گۈزەل مەزمۇننى تولۇق ئىپادىلىشى كېرەك، مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ گارمونىيىلىك بىرلىكى ئىشقا ئاشقاندىلا، كىشىگە شاد - خۇراملىق بېغىشلىيالايدۇ.
شەكىل گۈزەللىكى ئېستېتىك زوقتا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. كىشىلەر ھەمىشە گۈزەللىكنىڭ مەزمۇنىغا سەل قاراپ، شەكىل گۈزەللىكىنى مۇستەقىل ئېستېتىك ئوبيېكت دەپ ھېسابلايدۇ. بۇنىڭغا بەزى گۈزەل شەيئىلەرنىڭ شەكلى مەزمۇنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقى سەۋەب بولىدۇ. بىز بىر چەت ئەللىك ناخشىچىنىڭ ناخشىسىدىن زوقلانغىنىمىزدا، تېكىستنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنمىسەكمۇ، ئۇنىڭ ياڭراق ياكى بوم ئاۋازىدىن ئوخشاشلا شەكىل گۈزەللىكى، ئاھاڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىمىز. تەبىئەت گۈزەللىكى ۋە سەنئەت گۈزەللىكىدە شەكىل كۆپ ھاللاردا مەزمۇننى بېسىپ چۈشىدۇ. بەزى شەيئىلەرنىڭ مەزمۇنى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، ئەمما شەكلى مۇكەممەل بولغانلىقتىن، كىشىلەر نوقۇل ھالدا ئۇنىڭ شەكىل گۈزەللىكىدىن زوقلىنىدۇ. مەسىلەن، كىشىلەر كېپىنەكنىڭ چىرايلىق رەڭگىدىن زوقلانغىنىدا، ئۇنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى يادىغا كەلتۈرمەيدۇ. سەنئەت گۈزەللىكىنى تەشكىل قىلغۇچى بەزى ئامىللار، مەسىلەن، رەڭ، سىزىق، ھالەتلەرنىڭ ئۆزى گۈزەللىك ئوبيېكتى بولالايدىغانلىقى ئۈچۈن، بىرخىل شەكىل گۈزەللىكىگە ئايلىنالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، شەكىل گۈزەللىكىنىڭ ئۆزىمۇ كىشىلەرنى گۈزەللىكتىن زوقلاندۇرالايدۇ.
شەكىل گۈزەللىكىمۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن كېلىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللىنىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، ئۇ ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس.