تۇرمۇش گۈزەللىكىدىن بەدىئىي گۈزەللىككىچە
گۈزەللىك بىلىملىرى
سەنئەت كىشى ھاياتىدا زۆرۈر مەنىۋى ھەمراھ، كىشىلەر بەدىئىي گۈزەللىككە (سەنئەت گۈزەللىكىگە) موھتاج. بەدىئىي گۈزەللىك مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، ئەدەبىيات، كىنو، دراما قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرىدە گەۋدىلىنىدۇ. بەدىئىي گۈزەللىك تۇرمۇشنى مەنبە قىلىدۇ ھەم تۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
سەنئەت تۇرمۇشقا يىلتىز تارتقان، ئۇ تۇرمۇشتىكى تەبىئىي گۈزەللىك ۋە ئىجتىمائىي گۈزەللىكنىڭ ئىنكاسى. تۇرمۇشتىكى گۈزەللىك تەبىئىي ھالەتتىكى گۈزەللىك، ئۇ تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەرخىل شەيئىلەرگە بېقىنىپ تۇرىدۇ؛ بەدىئىي گۈزەللىك ئىدىيە ھالىتىدىكى گۈزەللىك. كىشىلەر تۇرمۇش گۈزەللىكى ھەققىدىكى تەسىرات ۋە ئىنتىلىشلىرىنى تىل، ئاۋاز، رەڭ، فىگۇرا قاتارلىق ماددىي شەكىللەر بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېستېتىك ئوبيېكتقا ئايلاندۇرىدۇ، شۈي بېيخۇڭنىڭ رەسىملىرىدىكى خۇددى راستتەك تۇرغان تۇلپارلار سانسىز ھەقىقىي ئاتلارنىڭ يۈكسەك يىغىنچاقلىنىشىدىن ئىبارەت، بۇ ئاتلارنىڭ كىشنەپ چېپىپ كېتىۋاتقان قىياپىتى رەسسامنىڭ يۈكسەك روھىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. سەنئەتكار ئاۋۋال تۇرمۇشتىن گۈزەللىك ئىزدەيدۇ، ئاندىن بەدىئىي گۈزەللىك يارىتىدۇ.
بەدىئىي گۈزەللىك تۇرمۇش گۈزەللىكىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى: بىرىنچىدىن، تۇرمۇش گۈزەللىكى ئاسان يوقايدۇ. چىرايلىق گۈللەر توزۇيدۇ، رەسسامنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى گۈل مەڭگۈ گۈزەل تۇرىدۇ. ئېزىتقۇ مەنزىرە (ئالۋۇن) ھەش - پەش دېگۈچە غايىب بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كەمدىن - كەم ئادەم زوقلىنالايدۇ، يازغۇچىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسۋىرلىرىنى ئوقۇغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدىن بۇ تەبىئىي مەنزىرە مەڭگۈ كەتمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، تۇرمۇش گۈزەللىكى ھەمىشە قوپال بولىدۇ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن سەت، خۇنۈك ۋە تاسادىپىي نەرسىلەر ئارىلىشىپ قالغان بولىدۇ. باغچىنىڭ گۈزەللىكىگە غازاڭ، قەغەز پارچىلىرى ئارىلىشىۋالىدۇ، قەھرىمان كەمچىلىك - خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. بەدىئىي گۈزەللىك تۇرمۇش گۈزەللىكىنىڭ قايتا يارىتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭدا گۈزەللىككە مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەر چىقىرىپ تاشلىنىپ، تۇرمۇش گۈزەللىكى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تۇرمۇش گۈزەللىكى تارقاق بولىدۇ، بەدىئىي گۈزەللىك تۇرمۇشتىكى تارقاق گۈزەللىكلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرىدۇ. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا نۇرغۇن مەشھۇر خارابىلىكلەر بار، ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى تارقاق جايلاشقان. »ئەزىم دەريانىڭ يۇقىرى - تۆۋىنىدە« ناملىق بىر پىل چىشىغا ئويۇلغان نەقىشتە ھەم خۇاڭخې دەرياسىنىڭ بارلىق مۇساپىسى ئىپادىلەنگەن، ھەم دەريا ياقىسىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر خارابىلىكلەر ۋە گۈزەل شەھەرلەر ئەپچىل بىرلەشتۈرۈلۈپ، كىشىگە خۇاڭخې دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر ئەينەن نامايان قىلىپ بېرىلگەن. دېمەك، تۇرمۇش گۈزەللىكى بەدىئىي گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى، بەدىئىي گۈزەللىك تۇرمۇش گۈزەللىكىنى تېخىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
بەدىئىي ئەسەرلەر تۇرمۇش گۈزەللىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. بىراق، ھەممىلا بەدىئىي ئەسەر گۈزەل بولىۋەرمەيدۇ. تۇرمۇشتىن ئايرىلغان، تۇرمۇشنى بۇرمىلىغانلىكى ئەسەرلەر بەدىئىي گۈزەللىك ھېسابلانمايدۇ، بەدىئىي گۈزەللىك كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىغا تەسىر قىلىپ، كىشىلەرنىڭ توغرا ئېستېتىك غايە تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئېستېتىك تەربىيىلىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ساغلام ئېستېتىك قىزىقىشىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئۇلارنى گۈزەل غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.