گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە ھۇزۇر تۇيغۇسى
گۈزەللىك بىلىملىرى
ھۇزۇر تۇيغۇسى ئاددىي، ھايۋانىي فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاس، سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئازادىلىكىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئاچ قالغاندا تويۇنۇش، تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى سالقىنداش دېگەندەك. گۈزەللىك تۇيغۇسى فىزىئولوگىيىلىك ھۇزۇر تۇيغۇسىنى ئاساس قىلغان، سەزگۈ ئەزالىرى، تەسەۋۋۇر، ھېسسىيات، ئەقىل، ئىرادە قاتارلىق بارلىق جىسمانىيەت - مەنىۋىيەتلەر ئورتاق قاتناشقان پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى، ئالىي دەرىجىلىك بىر خىل مەنىۋى، فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت. مەسىلەن، كۆپكۆك ئاسمانغا قاراپ، پاكىز شەيئى ۋە كەڭ دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش، ئاندىن روھىي كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈش گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ياتىدۇ.
گۈزەللىك تۇيغۇسى ئوخشاشمىغان دەۋر، مىللەت، سىنىپ، شەخسلەردە مۇئەييەن پەرق بولىدۇ. بەدەنگە ھەرخىل گۈللەرنى چېكىۋېلىشنى بەزى مىللەتلەر ياكى ئادەملەر گۈزەللىك دەپ قارىسا، بەزى مىللەتلەر ياكى ئادەملەر گۈزەللىك دەپ قارىماسلىقى، ھەتتا ئۇنىڭدىن قورقۇنچ ھېس قىلىشى مۇمكىن. يەنە بىر مىسال: ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشىلەر ئۆزىنى ھايۋانلارنىڭ تېرىسى، مۈڭگۈزى، چىشى بىلەن ياساندۇرۇشنى، ھەتتا ئاغرىققا چىداپ، پەيلەرنى كالپۇك، قۇلاق، بۇرۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشنى گۈزەللىك دەپ قارايتتى. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ مۇنداق گۈزەللىكنى ياقتۇرۇشى تەس، ئوخشاشمىغان دەۋرلەردىكى كىشىلەرنىڭ قىياپەت ۋە كىيىنىش گۈزەللىكىگە قارىشى بەك پەرق قىلىدۇ. مەسىلەن، جىن سۇلالىسى دەۋرىدە كەڭ كىيىملەر مودا ئىدى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تار كىيىملەر مودا بولدى، شىمالىي ۋېي سۇلالىسى كىشىلىرى ئورۇق، زىلۋا بولۇشنى گۈزەللىك دەپ قارىسا، تاڭ سۇلالىسى كىشىلىرى سېمىز، تولغان بولۇشنى گۈزەللىك دەپ قارايتتى.
گۈزەللىك تۇيغۇسى ئالاھىدە بىرخىل مەنىۋى ھېسسىيات بولۇپ، بىر ئادەم ئوخشاشمىغان كەيپىياتتا ئوخشاشمىغان ھېسسىياتقا كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، كىشى بىئارام ۋاقتىدا ئۇنىڭغا گۈزەل تاغ - دەريالار تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن. كەيپى چاغ ۋاقتىدا ئاددىي ئاۋازلارمۇ قۇلىقىغا يېقىملىق ئاڭلىنىشى مۇمكىن.
ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ ھەم پەرقى، ھەم ئورتاقلىقى بولىدۇ. ئادەم تېنىنىڭ فۇنكسىيىسى ئاساسەن ئوخشاش بولسا، مەنىۋىيىتىمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئەمەلىيىتىدىمۇ ئوخشاشلىقلار بولىدۇ، يەنە ئېستېتىك ئوبيېكتنىڭ ئوبيېكتىپلىق تەرىپىمۇ بار، بۇلار گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ ئورتاقلىقىنى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يېقىنقى زامان ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلار، بىتخوۋېننىڭ سىمفونىيىلىرى، ۋان گوكنىڭ رەسىملىرى ھەرخىل دەۋر، مىللەت، رايون كىشىلىرىنى ئورتاق زوقلاندۇرغان. تەبىئەت گۈزەللىكى ئورتاق گۈزەللىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئوڭاي قوزغىيالايدۇ.