تەبىئىي گۈزەللىك ۋە ئادەم
گۈزەللىك بىلىملىرى
دولقۇنلاۋاتقان دېڭىز، ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ، ئۆركەشلەۋاتقان خۇاڭخې دەرياسى، داڭلىق سەنشيا بوغۇزى، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغاي، ئوماق مۈشۈكئېيىق ... ئىنسانلار پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن، بۇ تەبىئىي گۈزەللىكلەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئىنسانلار تەبىئەت بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئاندىن تەبىئىي گۈزەللىك پەيدا بولدى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت بىلەن ئالاقىسى كۆپىيىپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت دائىرىسى كېڭەيگەنسېرى، تەبىئىي گۈزەللىكمۇ كۈنسايىن بېيىپ باردى.
تەبىئىي گۈزەللىك تەبىئەتتىن ئايرىلمايدۇ، بىراق تەبىئەت تەبىئىي گۈزەللىككە تەڭ ئەمەس. تەبىئىي گۈزەللىكمۇ ئادەم ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىگە بېقىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھەم تەبىئەتتە ئەسلىدە بار رەڭ، ھالەت، ئاۋاز، ماتېرىيال قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەر بولىدۇ، ھەم ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئۇنىڭغا يۈكلىگەن مەنىلەر بولىدۇ. تىك ئۆسكەن قارىغاي كىشىلەرنىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىگە تەمسىل قىلىنىدو، بىپايان دېڭىز كۆكسى - قارنى كەڭلىككە سىمۋول قىلىنىدۇ، ھەيۋەتلىك تاغ تەۋرەنمەس ئىرادىنىڭ تىمسالى... ھەرقانداق تەبىئىي جىسىمنىڭ گۈزەللىكى ھەم مۇئەييەن تەبىئىي خۇسۇسىيەتتىن ئايرىلمايدۇ، ھەم ئادەم ۋە ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدىن ئايرىلمايدۇ.
تەبىئىي گۈزەللىك خىلمۇ خىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق پىششىقلانغانلىرىمۇ، پىششىقلاپ ئۆزگەرتىلمىگەنلىرىمۇ بار. سالا - سالا ئېتىزلار، بۇلۇق ئۆسكەن زىرائەتلەر، تاناپتەك تۈز يوللار، سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن گۈللەر قاتارلىقلار ئەمگەك ئارقىلىق پىششىقلانغان تەبىئىي گۈزەللىكلەردۇر، ئۇلار ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى نامايان قىلىدۇ، تەبىئىي گۈزەللىكنىڭ ئاساسىي تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. قۇياش، قار، ھەسەن - ھۈسەن قاتارلىقلار پىششىقلاپ ئۆزگەرتىلمىگەن تەبىئىي گۈزەللىكلەردۇر. بۇ تەبىئىي جىسىملار كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا بارا - بارا ئېستېتىك ئوبيېكتقا ئايلانغان. تەبىئىي گۈزەللىك كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ، خاراكتېرىنى تاۋلايدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتىدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ماددىي، مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.