UyghurWiki
UyghurWikiگۈزەللىك بىلىملىرىئېستېتىك پسىخىكا

ئېستېتىك پسىخىكا

گۈزەللىك بىلىملىرى دولقۇنلاۋاتقان دېڭىزنى كۆرۈپ بەزىلەر قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتىدۇ، ئالاقزادىلىكتىن يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالىدۇ، بەزىلەر دېڭىزنىڭ كەڭلىكى، تۇرمۇشنىڭ قايناقلىقى، ئۆزىنىڭ ئەرزىمەس كىچىككىنە بىر نېمە ئىكەنلىكىدىن ھەسرەتلىنىدۇ...، ئوخشاش بىر شەيئىگە مۇنداق ئوخشاشمىغان ئىنكاسنىڭ بولۇشى ئادەمنىڭ ئېستېتىك پسىخىكىسى ئوخشاشمايدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئېستېتىك پسىخىكىنىڭ شەرتلىرى تەسەۋۋۇر، ھېسسىيات يۆتكەش ۋە پسىخىك ئارىلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېستېتىك تەسەۋۋۇر خاتىرىدىكى ماتېرىياللارنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى نەرسە قىلىپ قۇراشتۇرۇشتۇر. زوقلانغۇچى ئوبيېكتنىڭ گۈزەللىكىنى تەسەۋۋۇر ئارقىلىقلا ھېس قىلالايدۇ. كىشىلەر ئېستېتىك ئوبيېكتنى كۆرگىنىدە، ھەمىشە باشقا بىر ياكى بىرنەچچە شەيئى ھەققىدىكى باغلانما تەسەۋۋۇرى قوزغىلىدۇ. مەسىلەن، كىشىلەر شاپتۇل چېچىكىنى دائىم گۈزەل شەپەقكە، خۇش پۇراق ئۆرۈك چېچىكىنى قارغا، لەيلەپ يۈرگەن تال توزغىقىنى مامۇققا... ئوخشىتىدۇ. بۇ ئېستېتىك تۇيغۇلارنىڭ پەيدا بولۇشى كىشىلەر ئېستېتىك زوقلىنىش جەريانىدا تەسەۋۋۇرىنى جارى قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئېستېتىك ئوبيېكتنى باشقا شەيئىلەردىن پايدىلىنىپ مەدھىيىلىگەنلىكىدۇر. ھېسسىيات يۆتكەش ئادەم ئۆز ھېسسىياتىنى ئوبيېكتىپ شەيئىگە يۆتكەپ، بۇ شەيئىنى ئادەمدەك ھېسسىياتقا ئىگە قىلىپ، ئادەمنىڭ مەلۇم كەيپىياتى ۋە خاراكتېرىنىڭ سىمۋولى قىلغانلىقىدۇر. تەبىئەتتىكى تاغ - دەريا، گۈل - گىياھ، چارپاي، ئۇچار قانات، قۇرت - قوڭغۇز قاتارلىق شەيئىلەردە ئادەملىك خۇسۇسىيەت بولمايدۇ. لېكىن، كىشىلەر ئۇلارنى مەلۇم ھېسسىياتتا تۇرۇپ كۆرگىنىدە، ئۇلار گويا ھېسسىياتقا ئىگە ئادەمدەك تۇيغۇغا كېلىدۇ - دە، ئادەم بىلەن شەيئى ئارىسىدا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن، ئادەم ھەسرەتلىنىپ پىغانى ئۆرلەپ تۇرغىنىدا، گۈل - گىياھلارمۇ ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ؛ ئادەم خۇشال كەيپىياتقا چۆمگىنىدە، تاغ - دەريالارمۇ شادلىنىپ ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى شېئىر - نەزمىلىرىدە مەنزىرىنى سۆيگۈگە ئايلاندۇرىدىغان، شەيئىلەرگە ھېسسىيات تۈسى بېرىپ تەسۋىرلەيدىغان مۇنداق ئەھۋاللار بەك تولا. ھېسسىيات گۈل - گىياھلارغا يۆتكەلگەنلىرى. مەسىلەن: «غەرب شامىلى قايرىدى دەر پەردىنى، دېرىزىدىن كۆرۈندى گۈلدىن نازۇك بىر سىما» (لى چىڭجاۋ)؛ «بۇرۇنقىدەك، ئاۋۋالقىدەك، يەنە شۇنداق، ئادەم بىلەن تالى مەجنۇن ئوخشاش ئاۋاق.» (چېن گۈەن)؛ ھېسسىيات ئۇچار قاناتلارغا يۆتكەلگەنلىرى. مەسىلەن: «گۈل ئارا قۇشلار سايراپ چاقىرار يولۇچىنى.» (ئوۋ ياڭشيۇ)؛ «گۈل - چېچەكلەرمۇ بېغىشلار مۇڭ - ئەلەم، قۇش ناۋاسىدىن كېلۇر ھەسرەت - پىغان.» (دۇفۇ) قاتارلىقلار. كىشىلەر ئېستېتىك ئوبيېكتلاردىن تاللاپ زوقلىنىدۇ، ئۇنىڭ مەلۇم تەرىپىگە دىققەت قىلىپ، مەلۇم تەرەپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ، نەزەردىن ساقىت قىلىنغان تەرەپ بىلەن ئادەمنىڭ دىققەت مەركىزى ئوتتۇرىسىدا ئېستېتىك پسىخىك ئارىلىق شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن، كىشىلەر بالىت ئۇسۇلىدىن زوقلانغىنىدا، ئايال ئارتىسنىڭ پۇت ئۇچىدا تىك تۇرۇشى ۋە قۇيۇندەك پىرقىرىشىدىن ئېستېتىك تۇيغۇ ھاسىل بولىدۇ؛ تاماشىبىن ئارتىس پۇت بارماقلىرى ئاغرىپ كېتەرمىكىن، يىقىلىپ چۈشەرمىكىن دەپ ئەندىشە قىلسا، ئۇنىڭدىن ئېستېتىك زوق ئالالمايدۇ. تاغدا يولۋاسقا يولۇققان كىشى ھاياتىدىن خەۋپسىرەپ، يولۋاس تېرىسىنىڭ گۈزەللىكىدىن زوقلىنالمايدۇ، پەقەت باغچىدا قەپەزگە بەند قىلىپ قويۇلغان يولۋاسنىلا تاماشا قىلالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر مۇئەييەن پسىخىك ئارىلىق ساقلاپ، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، گۈزەللىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز تەرەپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىلا، گۈزەللىكتىن بەھرە ئالالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار گۈزەللىك بىلىملىرى