UyghurWiki›فىزىكا بىلىملىرى›ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش ۋە ئىسسىقتىن تارىيىپ سوغۇقتىن كېڭىيىش
ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش ۋە ئىسسىقتىن تارىيىپ سوغۇقتىن كېڭىيىش
فىزىكا بىلىملىرى
بەزىدە مۇراببا قۇتىسىنىڭ تۆمۈر قاپقىقىنى تولغاپ ئاچقىلى بولمىغاندا، قۇتىنى دۈم كۆمتۈرۈپ ئىسسىق سۇغا ئازراق ۋاقىت چىلاپ قويسا، ئۇنى ئاسانلا تولغاپ ئاچقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى نېمە؟
كۆپچىلىككە مەلۇم، ماددىلار ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەينەك قۇتا بىلەن تۆمۈر قاپقىقى (ياپقۇچى)نى ئىسسىق سۇغا سالغاندا، ئىسسىقلىققا ئۇچراپ ھەممىسى كېڭىيىدۇ، ئەمما ئەينەكنىڭ كېڭىيىشى كىچىك، تۆمۈر قاپقىقىنىڭ كېڭىيىشى چوڭ بولغاچقا، قۇتا ئېغىزى بىلەن تۆمۈر قاپقىقى ئارىسىدىكى يوچۇق چوڭىيىدۇ - دە، ئۇنى تەبىئىي ھالدا ئاسانلا بۇراپ ئاچقىلى بولىدۇ.
ماددىلارنىڭ ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش پرىنسىپى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ. تىكتاك توپ دەسسىلىپ ماكچىيىپ قالغاندا، قايناقسۇغا چىلاپ قويغاندا، توپتىكى ھاۋا ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، بېسىم كۈچى چوڭىيىپ، توپ قايتىدىن كۆپۈپ چىقىدۇ. قايناقسۇ قايناتقاندا، سۇنىڭ ئىسسىقتىن كېڭىيىپ تېشىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چۆگۈنگە سۇنى بەك تولدۇرۇپ قۇيماسلىق كېرەك. رېلىسلارنى ياتقۇزغاندا، رېلىسلار ئارىسىدا بەلگىلىك يوچۇق قالدۇرۇلۇپ، رېلىسلارنىڭ يازدا ئىسسىقتىن كېڭىيىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت قالدۇرۇلىدۇ. ياز پەسلىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر سىمىنى تارتقاندا، ئېلېكتر سىمىنى بەك چىڭ تارتىۋەتمەي، ئېلېكتر سىمىنىڭ قىسقىراش - ئۇزىرىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت قالدۇرۇش كېرەك. بولمىسا ھاۋا سوۋۇغاندا ئېلېكتر سىمى تارىيىپ قىسقىرايدۇ - دە، ئۈزۈلۈپ كېتىپ، ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ.
ئادەتتە ماددىنىڭ ھەممىسى ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىدۇ، ئەمما بۇنىڭ سىرتىدىكىلىرىمۇ بار. شىمالدا سوغۇق قىش كۈنلىرى كېچىسى ھويلىدىكى ئىدىشقا لىق سۇ تولدۇرۇپ قويغاندا، ئىدىشتا قېلىن مۇز قېتىپ يېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ ھادىسە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، سۇ سوغۇقتا مۇزلاپ قاتقاندا ھەجمى تارايماستىن، ئەكسىچە كېڭىيىدۇ. بۇ، سۇنىڭ نورمالسىز كېڭىيىشىدىن ئىبارەت.
سۇ ℃4 تىن يۇقىرى بولغاندا ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىدۇ، ℃0 تىن ℃4 ئارىلىقىدا، ئەكسىچە، ئىسسىقتىن تارىيىپ سوغۇقتىن كېڭىيىدۇ. شىمالدا قىش پەسلىدە، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ℃4 تىن تۆۋەن بولغاندا، كۆل يۈزىدىكى سۇنىڭ سوغۇقتىن كېڭىيىشى نەتىجىسىدە ھەجمى چوڭىيىپ كۆل يۈزى ئاستىدىكى سۇدىن يېنىك بولىدۇ، شۇڭلاشقا كۆلدىكى سۇدا يەنە كونۋېكسىيە بولمايدۇ. كۆل يۈزى سوۋۇپ مۇزلاپ قاتقاندا، مۇز قەۋىتى ئاستىدىكى تېمپېراتۇرا يەنىلا ℃0 تىن يۇقىرى بولغاچقا، بېلىقلار بۇرۇنقىدەكلا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەلەيدۇ.