UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىيۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يۈرۈش قىلىش

يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يۈرۈش قىلىش

فىزىكا بىلىملىرى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، كۆيدۈرۈش ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا ئېرىشىشنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى بولۇپ كەلدى. ئىلگىرى كۆيدۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇلار ئوتۇن، كۆمۈر قاتارلىق قاتتىق جىسىملىق يېقىلغۇلار بىلەنلا چەكلەنگەن. پەن تەرەققىي قىلغان يېقىنقى زاماندا، كۆپ مىقداردىكى گاز يېقىلغۇلار ۋە سۇيۇقلۇق يېقىلغۇلار كەڭ قوللىنىلدى. ئاپتوموبىل ماتورىنىڭ سىلىندىرىدا بېنزىن كۆيدۈرۈلۈش ئارقىلىق ℃2500 لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا يۇقىرى بېسىملىق گاز ھاسىل قىلىنىپ، پورشېن ئىتتىرىلىپ ئاپتوموبىل ئوقى ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ يەر شارى سۈنئىي ھەمراھىنى توشۇغۇچى راكېتانىڭ ماتورىدا، يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك سۇيۇق يېقىلغۇ بىلەن ئوكسىدلىغۇچى خۇرۇچ ئارىلىشىپ كۆيۈپ، ℃3700 لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا يۇقىرى بېسىملىق گاز ھاسىل قىلىنىپ، راكېتا ئاسمانغا چىقىرىلىدۇ. ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىدىكى نۇرغۇن ساھەلەردە توكتىن پايدىلىنىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا ئېرىشمەكتە. مەسىلەن، ئېرىش نۇقتىسى يۇقىرى بولغان مېتال ۋولفرام قىزىغۇچى جىسىم قىلىنغان توك ئوچاقتا ℃3000 لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. توكتا كەپشەرلەشتە ھاسىل بولىدىغان تېمپېراتۇرا ئادەتتە ℃3000~℃6000بولىدۇ. ئەڭ ئىلغار بولغىنى ئېلېكتر قۇتۇپلىرى ئارىسىدا پەيتلىك زەرەتسىزلەش ئۇسۇلى قوللىنىلغاچقا، ℃5000~ ℃10000 لۇق پەيتلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا ئېرىشىش تېجەشلىك ھەم ئۈنۈملۈك بولغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، نۆۋەتتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەر خىل قۇياش ئوچاقلىرىنى ھەرقايسى جايلاردا ئىشلىتىش ئومۇملاشتۇرۇلماقتا. يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھاسىل قىلىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن كۆزگە ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى ئاتوم ئېنېرگىيىسى بولماقتا. ئاتوم يادروسىدا ئۆزگىرىش بولغاندا قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە ئاتوم ئېنېرگىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ، يادرو ئېنېرگىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاتوم يادروسىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتتا زور ئاتوم ئېنېرگىيىسى بىراقلا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقتىن، ھاسىل بولغان تېمپېراتۇرا باشقا ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىنغان تېمپېراتۇرىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ. كىچىك تىپتىكى بىر دانە ئاتوم بومبىسى پارتلغاندا، نەچچە مىليون گرادۇستىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىنى ھاسىل قىلىدۇ. ۋودورود بومبىسى دەل ئاتوم بومبىسى پارتلىغاندا ھاسىل قىلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئارقىلىق پارتلىتىلىدۇ، ئۇ پارتلىغاندا ھاسىل بولغان تېمپېراتۇرا100 مىليون گرادۇسقا يېتىدۇ. بۇ نۆۋەتتە يەر شارىدا يېتەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھېسابلىنىدۇ، ئۇ قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى تېمپېراتۇرا ℃6000 تىن كۆپ يۇقىرى. پەن تەرەققىياتىنىڭ چېكى يوق، ئىنسانىيەتنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يۈرۈش قىلىشىنىڭمۇ چېكى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى