فوتو (يورۇقلۇق) گەز ۋە يورۇقلۇق يىلى
فىزىكا بىلىملىرى
ھازىر ئۇزۇنلۇق ئۆلچەشتە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان مېتىر ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپتە پارىژدىن ئۆتكەن مېرىدىئاننىڭ ئېكۋاتوردىن شىمالىي قۇتۇپقىچە بولغان ئۇزۇنلۇقىنىڭ10 مىليوندىن بىرى ئۆلچەم قىلىنغان. ئىشلىتىشكە قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن، ئۆلچەش نەتىجىسىگە ئاساسەن ساپ پلاتېنادىن بىر ئۆلچەملىك مېتىر ئېتالونى ياساپ چىقىلغان. ئەمما، يەر شارى مېرىدىئانىنى توغرا ئۆلچەش تەس بولغانلىقتىن، ئۇنى ئاساس قىلغان ئۆلچەملىك گەزدە چوڭراق خاتالىق پەرقى كېلىپ چىقىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېتىر ئېتالونى ئۇزاق ساقلىنىش جەريانىدا ئۇنىڭدا شەكىل ئۆزگىرىش بولىدۇ. پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئۆلچەم كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى.
ئۇنداقتا ھەم ناھايىتى يۇقىرى ئېنىقلىق دەرىجىسىگە ئىگە، ھەم سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان شۇنداق بىر گەزنى تېپىپ چىققىلى بولامدۇ؟ ئالىملار بۇنىڭدا يورۇقلۇقنى ئويلاشتى. يورۇقلۇق بىر خىل دولقۇن بولۇپ، مۇقىم دولقۇن ئۇزۇنلۇقىغا ئىگە.1960 - يىل10 - ئايدا11 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۆلچەم يىغىنىدا،1 مېتىر كرىپتون-86 نىڭ ۋاكۇئۇمدا چىقارغان قىزغۇچ سېرىق يورۇقلۇق دولقۇنىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنىڭ73 .1650763 ھەسسىسىگە تەڭ بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. بۇ خىل يورۇقلۇق دولقۇنىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى قىلىنغان ئۆلچەم بولسا ئادەتتە ئېيتىلغان »فوتو گەز« دىن ئىبارەت. فوتو گەز ناھايىتى قىسقا ھەم ئېنىقلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بىر تال چاچنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن100 فوتو گەزچە كېلىدۇ. چوڭراق جىسىمنى ئۆلچىگەندە، ئۇ نەچچە يۈز مىڭ، نەچچە مىليون فوتوگەزچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. فوتوگەز ئارقىلىق ئۆلچىگەندە، «كومپاراتور» (ئۇزۇنلۇق سېلىشتۇرۇش ئەسۋابى) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋابنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل «گەز» كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلمەيدۇ، ئىلمىي تەجرىبىلەردىكى مۇھىم ھەم نازۇك ئۆلچەشلەردە مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ.
كىشىلەر دائىم «ئاسترونومىيە رەقىمى» ئارقىلىق ئالاھىدە چوڭ سانلىق مىقدارلارنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاسترونومىيىدىكى ئارىلىقلارنى ئۆلچەشتە، رەقەملەر ئادەتتە ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ئەگەر مېتىر بىرلىك قىلىنسا، بىر ۋاراق قەغەز توشقىچە يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، يورۇقلۇق بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىش تېزلىكى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، تەخمىنەن سېكۇنتىغا300 مىڭ كىلومېتىر بولىدۇ، پەقەت6 .2 سېكۇنتتا يەر شارى بىلەن ئاي شارى ئارىسىدا بىر قېتىم بېرىپ كېلەلەيدۇ. يورۇقلۇقنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاسترونوملار »يورۇقلۇق يىلى« دىن ئىبارەت بۇ ئاسترونومىيە ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكىنى بەلگىلىگەن.1 يورۇقلۇق يىلى يورۇقلۇقنىڭ1 يىلدا يۈرگەن مۇساپىسىنى ئىپادىلەيدۇ.1 يورۇقلۇق يىلى تەخمىنەن 1012km×9.46غا تەڭ بولىدۇ، يورۇقلۇق يىلىدىن ئىبارەت مۇنداق چوڭ بىرلىك بار بولغاندىن كېيىن، ئاسترونومىيە ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىش كۆپ قۇلايلىقلىشىدۇ.