رېزونانس
فىزىكا بىلىملىرى
1906 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، چاررۇسىيە ئەسكەرلىرى تەكشى قەدەم بىلەن، پېتىربورگتىكى فونتاۋ دەرياسىدىكى ئىجىت كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، توساتتىن كۆۋرۈك ئۈزۈلۈپ كېتىپ، ئادەم ئۆلۈش پاجىئەسى كېلىپ چىققان. ھادىسىدىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتىن، كۆۋرۈكنىڭ خېلى مۇستەھكەم ئىكەنلىكى، ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى بۇ كۆۋرۈكنى ئۆرۈۋېتەلمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان. ئۇنداقتا، كۆۋرۈك زادى قانداق ئۈزۈلۈپ كەتكەن؟ ئەسلىدە بۇ رېزونانستىن كېلىپ چىققان.
ئاۋۋال بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرەيلى، BA چىڭ تارتىلغان بىر يىپ بولۇپ، ئۇنىڭغا a، b، c دىن ئىبارەت ئۈچ دانە ئاددىي ماياتنىك ئېسىلغان. ماياتنىك c نىڭ ئاسما يىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى a نىڭكىگە ئوخشاش، شۇڭلاشقا c، a لارنىڭ ئەركىن تەۋرەنگەندىكى خاس چاستوتىلىرى ئوخشاش بولىدۇ. ئەمدى c ماياتنىكنى ئىتتىرىپ تەۋرەتسەك، a نىڭ تەسىرىدە، a، b ماياتنىكلارمۇ تەۋرىنىدۇ، ئۇلارنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىلىرى c ماياتنىكنىڭ چاستوتىسىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئەمما a ماياتنىكنىڭ ئامپلىتۇدىسى b نىڭكىدىن كۆپ چوڭ بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، a ماياتنىك بىلەن c ماياتنىكنىڭ خاس چاستوتىلىرى ئوخشاش بولغانلىقتىن، a ماياتنىك بىلەن c ماياتنىك »رىتىملىق« بولۇپ، تەۋرىنىشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، يەنى a بىلەن c ئارىسىدا رېزونانس (ئورتاق تەۋرىنىش) يۈز بېرىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، سىرتقى كۈچنىڭ تەۋرىنىش رىتىمى بىلەن جىسىمنىڭ ئۆزىنىڭ خاس چاستوتىسىنىڭ رىتىمى ئوخشاش بولغاندا ياكى يېقىنلاشقاندا، جىسىم كۈچلۈك تەۋرىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ رېزونانس دەپ ئاتىلىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان چاررۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قەدەملەپ مېڭىشى ئىنتايىن تەكشى بولغانلىقتىن، چاستوتىلىرى دەل كۆۋرۈكنىڭ خاس چاستوتىسىغا تەڭ بولۇپ قېلىپ، كۆۋرۈك بىلەن رېزونانس ھاسىل قىلىشى نەتىجىسىدە كۆۋرۈكنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشى كېلىپ چىققان.
بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك رېزونانسنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە رەسمىيلەشتۈرۈلمىگەن تۆۋەندىكىدەك بىر بەلگىلىمە بار: نۇرغۇن ئادەملەر كۆۋرۈكتىن ئەركىن قەدەم تاشلاپ ئۆتۈشى كېرەك. تۆمۈريول كۆۋرۈكىنى ياسىغاندا، كۆۋرۈكنىڭ خاس چاستوتىسىنى پويىز چاقىنىڭ رېلىسلارنىڭ ئۇلانغان جايىغا ئۇرۇلغاندىكى تەۋرىنىش چاستوتىسىغا يېقىنلاشتۇرۇپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. پويىز ۋاگونلىرىنى ياسىغاندىمۇ ۋاگوننىڭ ئاستىدىكى پۇرژىنىلارنىڭ خاس چاستوتىسىنى پويىز چاقىنىڭ رېلىسلارنىڭ ئۇلىنىش جايىغا ئۇرۇلغاندىكى تەۋرىنىش چاستوتىسىدىن يىراق قىلىپ، ۋاگونلارنىڭ رېزونانس ھاسىل قىلىشىدىن ساقلىنىپ، يولۇچىلارنى سىلكىنىش ئازابىدىن خالىي قىلىش كېرەك. ھاۋانىڭ تەۋرىنىشىدىن قار قاتلاملىرىنىڭ رېزونانسى ھاسىل بولۇپ قار كۆچۈش كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تاغقا چىققۇچى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىشى چەكلىنىدۇ.
گەرچە رېزونانس ئەرۋاھقا ئوخشاش ئاپەت كەلتۈرسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن سورۇنلاردا بىزنىڭ دوستىمىز بولۇپ قالىدۇ. ئادەم قۇلىقىنىڭ »ئاۋازنى ئاڭلىيالىشى« نىڭ سەۋەبى ئادەم قۇلىقىدا تەڭداشسىز نازۇك رېزونانس سىستېمىنىڭ بارلىقىدا، سېيسموگراف (يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئەسۋابى) مېخانىكىلىق رېزونانستىن پايدىلىنىش ئاساسىدا ياسىلىدۇ. يېقىنقى زامان پەن - تېخنىكىسىدا، رېزونانس ھەم ئالەم ھەققىدە ئىزدىنىشتىكى قۇدرىتى چوڭ قورال، ھەم ماددىنىڭ مىكرو دۇنياسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشتىكى ئالتۇن ئاچقۇچ بولماقتا.