UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئۇلترا ئاۋازلىق سۈرەت تارتىش

ئۇلترا ئاۋازلىق سۈرەت تارتىش

فىزىكا بىلىملىرى 1895 - يىلى گېرمانىيىلىك ئالىم رېنتگېن X نۇرنى بايقىدى، X نۇر مۇسكۇللاردىن ئۆتىدۇ، ئەمما سۆڭەكتىن ئۆتەلمەيدۇ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئادەم سۆڭەكلىرىنىڭ سۈرىتىنى ئېلىشقا بولىدۇ. بىراق، X نۇرنى ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، چوقۇم X نۇرغا قارىتا ئىنكاسى بولىدىغان يالتىراق ماددىنى نېگاتىپ قىلغاندىلا، ئاندىن سۆڭەكنىڭ سۈرىتىنى ھەقىقىي كۆرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئاۋاز جىسىمنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ داۋاملىق ئالغا قاراپ تارقىلىدىغانلىقتىن، ئاۋازنى سۈرەتكە ئالغىلى بولمايدۇ. ئەمما، ئالىملار ئۇلترا ئاۋازنىڭ جىسىمغا يولۇققاندىن كېيىنكى قايتىشىنىڭ كۈچلۈكرەك بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بىر دەستە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى جىسىمغا چۈشكەندە، جىسىمنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى قايتۇرغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، يەنى جىسىمنىڭ «تەسۋىرى» گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىلىدۇ. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەسۋاب ئۇلترا ئاۋازلىق تەسۋىر كۆرسىتىش ئەسۋابى دەپ ئاتىلىدۇ. زوند (تەكشۈرۈش بېشى) ئارقىلىق مۇئەييەن چاستوتىلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى جىسىمغا «چۈشۈرگەن» دەپ، جىسىمدىكى ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ئاۋاز ئالاھىدىلىكى (مەسىلەن، ئاۋاز تېزلىكى، ئاۋازنىڭ تولۇق قارشىلىقى، ئاۋازنى قايتۇرۇش ۋە يۇتۇشى قاتارلىقلار) ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، چۈشكەن ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلىرىغا قارىتا ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرىدۇ. جىسىمنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەن ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىغا بولغان ئىنكاسىنىڭ سىگنالى − جىسىمنىڭ ئاۋاز تەسۋىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئەسۋاب ئارقىلىق كۆرۈنىدىغان تەسۋىرگە ئايلاندۇرسا، ئۇ ھالدا جىسىم ئىچكى قىسمىنىڭ تۈزۈلۈشى، نۇقسان قاتارلىقلارنىڭ قىياپىتى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئوچۇق كۆرۈنىدۇ. X نۇردىن پايدىلىنىپ جىسىمنىڭ سۈرىتىنى تارتىش بىلەن ئۇلترا ئاۋازدىن پايدىلىنىپ سۈرەتكە ئېلىشنىڭ پرىنسىپى ئوخشاش بولغاچقا، سانائەت ۋە مېدىتسىنادا كەڭ قوللىنىلماقتا. ئەمما، ئادەم بەدىنىگە X نۇر كۆپ چۈشسە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ھامىلىنى X نۇر ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
ئۇلترا ئاۋازلىق سۈرەت تارتىش | UyghurWiki | UyghurWiki