UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرى«قارا بۇلۇت»

«قارا بۇلۇت»

فىزىكا بىلىملىرى كۆپچىلىككە مەلۇم، قىزدۇرۇلغان جىسىم دەسلەپتە قىزىل نۇر چىقىرىدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرنىڭ رەڭگى تەدرىجىي ھالدا قىزىلدىن سېرىققا ئۆزگىرىپ يەنە كۆكۈچ ئاق رەڭگە ئۆتىدۇ، ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى شەكلىدە سىرتقا ئېنېرگىيە ئۇزىتىلىدىغان بۇ ھادىسە ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. نۇر رەڭگىنىڭ تېمپېراتۇرىغا ئەگىشىپ قانۇنىيەتلىك ئۆزگىرىدىغانلىقتىن، تەجرىبىلىك پولات تاۋلاش ئىشچىلىرى پولات سۇيۇقلۇقىنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. ھەرقانداق جىسىمنىڭ تېمپېراتۇرىسى مەيلى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى شەكلىدە سىرتقا ئېنېرگىيە رادىئاتسىيىلەپ چىقىرىدۇ (تارقىتىدۇ). ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسىنىڭ قانۇنىيىتىنى نەزەرىيە جەھەتتىن خۇلاسىلەش ئۈچۈن،19 - ئەسىردە فىزىكا ئالىملىرى ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىلىگەن جىسىم ئېنېرگىيىسىنىڭ چىقارغان يورۇقلۇق دولقۇنى ئۇزۇنلۇقى بويىچە جايلىشىدىغانلىقىنىڭ ئىككى فورمۇلىسى: ۋيېن فورمۇلىسى ۋە رايلېي - جىنىس فورمۇلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما، بۇ ئىككى فورمۇلا ئارقىلىق ھېسابلانغان نەتىجە ئۇزۇن دولقۇن جەھەتتە بولمىسا، قىسقا دولقۇن جەھەتتە تەجرىبە نەتىجىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەچكە، فىزىكا ئالىملىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتتى. كلاسسىك فىزىكا يولۇققان يەنە بىر قىيىنچىلىق مىكېلسون - مورلېي تەجرىبە نەتىجىسىنى قانداق چۈشەندۈرۈشتە كۆرۈلدى. كلاسسىك فىزىكا قارىشى بويىچە، ھەرقانداق بىر دولقۇننىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن بىر خىل ۋاسىتىچى لازىم بولىدۇ، مەسىلەن، ئاۋاز دولقۇنى ئاساسەن ھاۋاغا تايىنىپ تارقىلىدۇ، ئايدا ھاۋا بولمىغاچقا، كىشىلەر سۆزلەشسە ئاڭلانمايدۇ. فىزىكا ئالىملىرى يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئامالسىز ھالدا، ئالەم بوشلۇقىنىڭ ھەممە يېرىدە تىنچ تۇرغان بىر خىل يورۇقلۇق ئۇزاتقۇچى مۇھىت − ئېفىر مەۋجۇت دەپ پەرەز قىلدى. يەر شارى ئېفىر «دېڭىزى» دا قۇياشنى چۆرىدەپ ئوربىتىلىق ئايلىنىدىغانلىقتىن، يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە سېكۇنتىغا30 كىلومېتىر تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان ئېفىر مەۋجۇت بولۇش كېرەك. مىكېلسون - مورلېي تەجرىبىسى ئېفىرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىشلەنگەن، ئەمما تەجرىبە نەتىجىسى كىشىنى كۆپ ئەپسۇسلاندۇردى، بۇ، فىزىكا ئالىملىرىنى تەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغاچقا، يا «ئېفىر تەلىماتى» دىن ۋاز كېچىش، يا بولمىسا بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان كوپېرنىكنىڭ «يەرنىڭ ھەرىكەت قىلىش تەلىماتى» نى ئىنكار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئىككى قىيىن مەسىلە بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فىزىكىنىڭ سۈپسۈزۈك ئاسمىنىدا «ئىككى پارچە قارا بۇلۇت» نى شەكىللەندۈردى. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ ئىككى قارا بۇلۇت فىزىكىغا ئىنقىلاب بورىنى ئېلىپ كېلىپ، فىزىكا ئالىملىرىغا «يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق» − «كۋانت نەزەرىيىسى» بىلەن «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نى بايقىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي دۇنياغا بولغان تونۇشىنى چوڭ بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەتتى.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
«قارا بۇلۇت» | UyghurWiki | UyghurWiki