ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈشى ۋە ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنى
فىزىكا بىلىملىرى
دەرەختىكى ئالما پىشىپ ۋايىگە يەتكەندە يەرگە چۈشىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ باقمىغان. لېكىن، ئەنگلىيىلىك ئالىم نيۇتون ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈشىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىنى بايقىغان.
نيۇتون، ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈشىنىڭ سەۋەبى ئالما بىلەن يەر شارى ئارىسىدا تارتىشىش كۈچىنىڭ بارلىقىدا، دەپ قارىغان. بۇ خىل تارتىشىش كۈچى ئالما بىلەن يەر شارى ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، يەنە يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىسىدا، يەر شارى بىلەن ئاي ئارىسىدىمۇ مەۋجۇت … ئومۇمەن، يەر شارى بىلەن ھەرقانداق جىسىم ئارىسىدىمۇ تارتىشىش كۈچى مەۋجۇت، بۇ خىل تارتىشىش كۈچ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. ھەرقانداق جىسىم يەر شارىنىڭ تارتىشىغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا جىسىم ئاندىن ئېغىرلىققا ئىگە بولىدۇ. ئۇ ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنىڭ بىر خىلىدىن ئىبارەت.
جىسىملار ئارىسىدىكى ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى جىسىمنىڭ ماسسىسىغا باغلىق بولىدۇ، جىسىمنىڭ ماسسىسى قانچە چوڭ بولسا، ئۇلار ئارىسىدىكى تارتىشىش كۈچىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ماسسىسى ناھايىتى چوڭ بولغاچقا، ئۇلار ئارىسىدىكى تارتىشىش كۈچىمۇ چوڭ بولۇپ، تەخمىنەن 3.54×1022N (تەخمىنەن36 مىليارد100 مىليون توننا كۈچ) بولىدۇ. ئەگەر يەر شارى بىلەن قۇياشنى پولات ئارغامچا بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى قىياس قىلىپ، قۇياش بىلەن يەر شارى ئارىسىدىكى ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنىڭ ئورنىغا پولات ئارغامچىنى دەسسەتكەندە، دىئامېتىرى 9000Km كېلىدىغان پولات ئارغامچا بولغاندىلا، ئاندىن بۇنداق چوڭ كۈچكە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
جىسىملار ئارىسىدا ئالەملىك تارتىشىش كۈچى مەۋجۇت بولىدىكەن، نېمە ئۈچۈن ئەتراپىمىزدىكى جىسىملارنىڭ بىزگە بولغان تارتىش تەسىرىنى سېزەلمەيمىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، يەر شارى بىلەن قۇياشقا سېلىشتۇرغاندا، ئادەمنىڭ ماسسىسى بەك كىچىك بولىدۇ، شۇڭا تارتىش كۈچىمۇ ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئۇنى ئادەم سېزىۋالالمايدۇ. مەسىلەن، بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاشلا 85kg بولغان سېمىز ئىككى ئادەمنىڭ ئارىلىقى 1m بولغاندا، ئۇلار ئارىسىدىكى ئالەملىك تارتىشىش كۈچى بىر دانە چۈمۈلىنىڭ كۈچىنىڭ %1 ىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ.1969
- يىل7 - ئاينىڭ21 - كۈنى، ئىنسانىيەت تۇنجى قېتىم ئاي شارىغا چىقتى، ئەينى ۋاقىتتا ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ بىر يۈرۈش ئالەم كىيىمىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 80kg كېلەتتى. يەر يۈزىدىكى ئادەم ئەگەر بۇنداق بىر يۈرۈش كىيىمنى كىيسە، كىچىك بىر چامداممۇ ماڭالمايدۇ. ئەمما، ئاي شارىغا چىققاندا، ئالەم ئۇچقۇچىسى بىمالال ماڭالايدۇ. چۈنكى، ئاي شارىنىڭ ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ1/83.1 ىچىلىكلا كېلىدۇ، تارتىش كۈچى يەر شارىنىڭكىدىنىڭ6 /1 ىچىلىك بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، 80kg كېلىدىغان ئالەم كىيىمى ئاي شارىغا ئېلىپ چىقىلغاندا، ئارانلا 13kg ئېغىرلىقتا بولىدۇ.