UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىھۇجۇم قىلىپ ئالغىلى بولمايدىغان تۆۋەن تېمپېراتۇرا قورغىنى

ھۇجۇم قىلىپ ئالغىلى بولمايدىغان تۆۋەن تېمپېراتۇرا قورغىنى

فىزىكا بىلىملىرى كىشىلەر بېسىمنى چوڭايتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەزى گازلارنى سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بالدۇرلا بىلگەن. مەسىلەن، ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا بېسىمنى چوڭايتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇلۇپ پولات تۇڭدا ساقلىنىدۇ، ئاندىن ئائىلىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە تەمىنلەپ بېرىلىدۇ. ئەمما، بەزى گازلار مەسىلەن، ئوكسىگېن، ھىدورگېن، گېلىي قاتارلىقلارغا مەيلى قانچىلىك چوڭلۇقتىكى بېسىم كۈچى چۈشۈرسىمۇ، ئۇلارنى ھامان سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ. ئەجەبا، بۇ گازلارنى مەڭگۈ سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ؟1869 - يىلى، ئىرېلاندىيىلىك فىزىكا ئالىمى ئاندىلوس تەجرىبىدە مۇنداق بىر مۇھىم مەخپىيەتلىكنى بايقىدى: ھەربىر خىل گازنىڭ بىر ئالاھىدە تېمپېراتۇرىسى بار بولۇپ، بۇ تېمپېراتۇرىدىن يۇقىرى بولغاندا، مەيلى قانچىلىك چوڭلۇقتىكى بېسىم كۈچى چۈشۈرۈلسىمۇ، ئۇ سۇيۇقلۇققا ئايلانمايدۇ. بۇ تېمپېراتۇرا كرىتىك تېمپېراتۇرا دەپ ئاتىلىدۇ. ئوكسىگېن، ھىدروگېن، گېلىي قاتارلىق گازلارنى سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇشقا بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ گازلارنىڭ كرىتىك تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا تېخنىكىسى تېخى يېتەرلىك مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، تېمپېراتۇرىنى ئۇلارنىڭ كرىتىك تېمپېراتۇرىسىدىن تۆۋەنلەتكىلى بولمىغان. ئالىملار يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. كىشىلەر دەسلەپتە مۇنداق ئۇسۇل قوللانغان: گازنى سىرت بىلەن ئىسسىقلىق ئالماشتۇرالمايدىغان قاچىغا ھىملاپ، ئاۋۋال گازغا يۇقىرى بېسىم كۈچى بېرىپ، ئاندىن كېيىن بېسىمغا ئۇچرىغان گازنى تار ئېغىزدىن ئۆتكۈزۈپ جىددىي كېڭەيتىپ، سىرتقا قارىتا ئىش ئىشلەتكۈزگەن. سىرتتىن ئىسسىقلىققا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، گاز پەقەت ئۆزىنىڭلا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى سەرپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەن. يەنە بىر خىل ئۇسۇل مۇنداق: سۇيۇقلۇقنى سىرت بىلەن ئىسسىقلىق ئالماشتۇرالمايدىغان قاچىغا ھىملاپ، ئاندىن قاچىدىكى ھورنى ئۈزلۈكسىز تارتىپ چىقىرىۋەتكەندە، سۇيۇقلۇقنىڭ داۋاملىق ھورلىنىشىغا پايدىلىق بولىدۇ - دە، سۇيۇقلۇق يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھورلىنىپ ئۆزىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى سەرپ قىلىدۇ. بۇ خىل جەريان كۆپ قېتىملاپ ئېلىپ بېرىلسا، تېمپېراتۇرىنى خېلىلا تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.19 - ئەسىردىن بۇيان، كىشىلەر تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا يۈرۈش قىلىپ خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى:1877 - يىلى ℃97 .182- لۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ئېرىشىپ، ئوكسىگېننى سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇردى؛1898 - يىلى ℃252.90- لۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ئېرىشىپ، ھىدروگېننى سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇردى؛1908 - يىلى ℃268.95- لۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ئېرىشىپ، تەبىئەتتىكى سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇشتا تەس بولغان ئەڭ ئاخىرقى گاز − گېلىي گازىنىمۇ سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇردى. ھازىر كىشىلەر ئەڭ ئىلغار ئىلمىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئېرىشكەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃273.1499999- بولدى. تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ چېكى بارمۇ؟ ئالىملار ئۇزاق مۇددەت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تەبىئەتنىڭ بىر قانۇنىيىتىنى بايقاپ، ℃273.15- (بۇ تېمپېراتۇرا مۇتلەق نۆل گرادۇس دەپ ئاتىلىدۇ) قا مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. كىشىلەر بۇ نىشانغا پەقەت يېقىنلىشالايدۇ، ئەمما بۇ تۆۋەن تېمپېراتۇرا «قورغىنى» نى ئالالمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى