UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئايروپىلان ۋە ھاۋا« تېمى»

ئايروپىلان ۋە ھاۋا« تېمى»

فىزىكا بىلىملىرى مۇئەييەن شەرت ئاستىدا، ھاۋا مۇستەھكەم «تام» شەكىللەندۈرەلەيدۇ. ئاۋىئاتسىيە تارىخىدا خاتىرىلىنىشكە ئاساسلانغاندا، ھاۋا تېمى ئىلگىرى قاتتىق ئايروپىلانلارنى كۇكۇم - تالقان قىلىۋەتكەنىكەن. ئايروپىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جىسىملار ھاۋادا ھەرىكەت قىلغاندا ئالدىدىكى ھاۋاغا مۇئەييەن بېسىم كۈچى بېرىدۇ، نەتىجىدە بىر قىسىم ھاۋا سىقىلىپ، زىچلىقى چوڭ بولغان بىر ھاۋا قەۋىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ خۇددى بىر ھاۋا تېمىغا ئوخشاپ قالىدۇ. جىسىمنىڭ ھەرىكەت تېزلىكى قانچە چوڭ بولسا، ھاۋا تېمىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ھاۋا تېمى ھامان ئاۋاز تېزلىكى بويىچە ئالدىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ، جىسىمنىڭ ھەرىكەت تېزلىكى ئاۋاز تېزلىكىدىن كىچىك بولسىلا، ئۇنىڭغا سوقۇلمايدۇ. ئەگەر جىسىم ئاۋاز تېزلىكىدىن تېز ئۇچسا، ھاۋا تېمىغا سوقۇلۇپ كېتىدۇ. ئاكا - ئۇكا ۋرىگت (Wright) لار ئايروپىلاننى كەشىپ قىلغاندىن بۇيان، كىشىلەر ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش تېزلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كەلدى. ئەمما، ئۇچۇش تېزلىكى ئاۋاز تېزلىكىگە يېقىنلاشقاندا، پارتلاش ھادىسىلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇردى، بۇلارغا ئۇلارنىڭ ھاۋا تېمىغا سوقۇلۇشى سەۋەب بولغان. بۇنداق ھادىسىلەر ھامان ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش تېزلىكى ئاۋاز تېزلىكىگە يېقىنلاشقاندا يۈز بەرگەن، كىشىلەر يەنە ھاۋا تېمى شەكىللەندۈرگەن ئۇچۇش توسالغۇسىنى ئاۋاز توسۇقى دەپ ئاتاشقان. ئايروپىلاننىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ھاۋا تېمىنىڭ توسالغۇسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالىملار ئايروپىلاننىڭ سىرتقى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئايروپىلان قانىتىنى نېپىز رومبا شەكلىدە ياكى ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە ياسىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايروپىلان گەۋدىسى بىلەن ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئالدى گىرۋىكىنى ئۇچلۇق قىلىپ، ئايروپىلان قانىتىنى كەينىگە قىيسايتىپ، پۈتۈن ئايروپىلاننى ئىسترېلكا شەكىلگە كەلتۈردى. بىر يۈرۈش ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق ئايروپىلان ئاخىر ھاۋا تېمىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان بولدى.1947 - يىلى ئىنسانلار تۇنجى قېتىم ئاۋاز تېزلىكىدىن تېز ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نۆۋەتتە، ئاۋاز تېزلىكىدىن تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلان، ئاۋاز تېزلىكىدىن تېز يۈرىدىغان ئاپتوموبىللار بارلىققا كەلدى. بەزى ئىلغار رېئاكتىپ ئايروپىلانلارنىڭ تېزلىكى ئاۋاز تېزلىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسى ھەتتا ئۈچ ھەسسىسىگە يەتتى.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى