جوئۇل قانۇنىنىڭ بايقىلىشى
فىزىكا بىلىملىرى
يورۇۋاتقان لامپۇچكىغا قولنى تەگكۈزگەندە، ئۇ يورۇمىغان چاغدىكىدىن ئىسسىق سېزىلىدۇ. تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئۆتكۈزگۈچتىن توك ئۆتكەندە، ئۇ قىزىيدۇ، بۇ خىل ھادىسە توكنىڭ ئىسسىقلىق ئېففېكتى (تەسىرى) دەپ ئاتىلىدۇ.
توك ئۆتكەن ئۆتكۈزگۈچ چىقىرىدىغان ئىسسىقلىق قايسى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؟ بىرىنچى بولۇپ تەجرىبە ئارقىلىق بۇ سىرنى ئاچقان كىشى - ئەنگلىيىلىك فىزىكا ئالىمى جوئۇل ئىدى.1841
- يىلى، ياش جوئۇل توك ئۆتۈۋاتقان قارشىلىق سىمىنى ساپ سۇغا بىۋاسىتە سېلىپ، قارشىلىق سىمى ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىق ئارقىلىق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، سۇغا سانجىپ قويۇلغان تېرمومېتىردىن پايدىلىنىپ ئۆرلىگەن سۇ تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەپ چىقىپ، ئۇ قارشىلىق سىمىنىڭ قارشىلىقى قانچە چوڭ، ئۆتكەن توك قانچە كۈچلۈك، توك ئۆتكەن ۋاقىت قانچە ئۇزاق بولسا، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى شۇنچە يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقى، توك ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىقنىڭ شۇنچە كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. جوئۇل كۆپلىگەن تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ، توك ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ قارشىلىق، توك كۈچى ۋە توك ئۆتۈش ۋاقتى بىلەن بولغان مىقدارلىق مۇناسىۋىتىنى توغرا ئېنىقلاپ چىقتى، فىزىكىدا بۇ قانۇنىيەت جوئۇل قانۇنى دەپ ئاتىلىدۇ.
جوئۇل قانۇنىنى ئېنېرگىيىنىڭ ئايلىنىش ۋە ساقلىنىش نۇقتىئىنەزىرىدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ: ئۆتكۈزگۈچتىن توك ئۆتكەندە، قارشىلىق قانچە چوڭ، توك قانچە كۈچلۈك، ۋاقىت قانچە ئۇزاق بولسا، توكنىڭ ئىشلىگەن ئىشى شۇنچە كۆپ بولۇپ، ھاسىل قىلىنغان ئىسسىقلىقمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كىشىلەر بەزىدە توكتىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىدۇ. توك داغمال، توك ئوچاق، توك دەزمال، توك دۇخوپكا قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر كۆپ ئۇچرايدىغان توكتا قىزىغۇچى ئەسۋابلار بولۇپ، بۇلارنى لايىھىلەشتە جوئۇل قانۇنى نەزەرىيىۋى ئاساس قىلىنغان.
ئەلۋەتتە، توك ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىقنىڭ پايدىسىز تەرىپىمۇ بار، مەسىلەن، تېلېۋىزوردىن ئۆتىدىغان توك كۈچلۈكرەك بولغاچقا، تېلېۋىزوردىكى زاپچاسلاردىن چىقىدىغان ئىسسىقلىق كۆپرەك بولىدۇ.، ياز كۈنلىرى تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرگەندە، تېلېۋىزورنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئۇزاق ھەم شامال ئۆتۈشتۈرۈشكە دىققەت قىلىنمىسا، تېلېۋىزور ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ.