قۇدۇق سۈيىنىڭ قىشتا ئىللىق، يازدا سوغۇق بولۇشى
فىزىكا بىلىملىرى
قۇدۇق سۈيى قىشتا ئىللىق، يازدا سوغۇق بولىدۇ، شۇڭا كىشىلەر قىشتا قۇدۇق سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يازدىكى تېمپېراتۇرىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ئەگەر تېرمومېتىر ئارقىلىق ئايرىم - ئايرىم قىش كۈنى ۋە ياز كۈنىدىكى قۇدۇق سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە، قىشتىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى يازدىكى تېمپېراتۇرىسىدىن℃ 3 ~℃4 تۆۋەن بولىدۇ. بۇ قانداق ئىش؟
كىشىلەرگە قۇدۇق سۈيىنىڭ قىشتا ئىللىق، يازدا سوغۇق سېزىلىشى، شۇ چاغدىكى يەر يۈزىدىكى تېمپېراتۇرىغا نىسبەتەن سېلىشتۇرۇلغان.
تومۇز ياز كۈنلىرى، يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزى قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى ۋە ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە بىۋاسىتە ئۇچرىغاچقا، تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلەيدۇ. يەر ئاستىدىكى تۇپراق پەقەتلا ئۈستۈنكى قاتلامدىكى تۇپراق ئارقىلىق ئاتموسفېرادىن ئىسسىقلىق سۈمۈرىدۇ، تۇپراقنىڭ ئىسسىقلىق ئۇزىتىشى ناھايىتى ئاستا بولىدىغانلىقتىن، يەر ئاستىدىكى چوڭقۇر جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى يەر يۈزىدىكى تېمپېراتۇرىدىن تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا قۇدۇق سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يەر يۈزىدىكى تېمپېراتۇرىسىدىن تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر قۇدۇق سۈيىنى يەر يۈزىگە تارتىپ چىقارساق، ئالاھىدە سوغۇق سېزىلىدۇ.
قەھرىتان قىش كۈنلىرى، يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېزلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. دائىم ℃0 تىن تۆۋەن بولىدۇ، كۆل يۈزىدىكى سۇلار مۇز بولۇپ قاتىدۇ. يەر ئاستىنىڭ چوڭقۇر جايىدىكى تۇپراق ھاۋاغا بىۋاسىتە ئىسسىقلىق تارقىتالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، يەر ئاستى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولمايدۇ - دە، قۇدۇق سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يەر يۈزىدىكى تېمپېراتۇرىدىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ چاغدا سۇنى تارتىپ يەر يۈزىگە چىقارساق، نىسبەتەن ئىسسىق سېزىلىدۇ.
قىشتا ئىللىق، يازدا سوغۇق (سالقىن) بولۇشتىكى بۇ خىل ھادىسە بىنالارنىڭ يەر ئاستى ئۆيى ياكى يەر ئاستى پويىز يوللىرىدا ئوخشاشلا مەۋجۇت بولىدۇ. قىش پەسلىدە ئورىلاردا كۆكتات، مېۋىلەرنى ساقلىغاندا، توڭلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ياز كۈنلىرى ئورىلاردا كۆكتات، مېۋىلەرنى ساقلىغاندا، يەنە چىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىمۇ ئورىنىڭ «قىشتا ئىللىق، يازدا سوغۇق» بولىدىغانلىقىدا.