UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىنۇرىنىڭ بايقىلىشى X

نۇرىنىڭ بايقىلىشى X

فىزىكا بىلىملىرى 1895 - يىلى گېرمانىيىلىك فىزىكا ئالىمى رېنتگېن X نۇرنى بايقىدى، بۇ خۇددى باھار گۈلدۈرمامىسىدەك پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىپ، بىرقاتار چوڭ بايقىلىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مەسىلەن، رادىئوئاكتىپلىقنىڭ بايقىلىشى، ئېلېكتروننىڭ بايقىلىشى قاتارلىقلار، بۇ، كىشىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ ئىلىم - پەن زېمىنىغا باشلاپ كىردى. رېنتگېن ۋاكۇئۇم (ھەقىقىي بوشلۇق) دا زەرەت قويۇپ بېرىلىش ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا (1895 - يىلى)، ئويلىمىغان يەردىن، ۋاكۇئۇملۇق زەرەت قويۇپ بېرىش لامپىسىدىن2 مېتىر يىراقلىققا قويۇلغان بارىي سىئانوپلاتىنىت سۈركەلگەن يالتىراق ئېكراننىڭمۇ يالتىراق نۇر چىقارغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ يالتىراق ئېكراننى زەرەت قويۇپ بېرىش لامپىسىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇپ، قارا قەغەز بىلەن زەرەت قويۇپ بېرىش لامپىسىنى ئوراپ قويغاندىمۇ، يالتىراق ئېكراندا يەنىلا يالتىراق نۇر مەۋجۇت بولغان. ئۇ بىرنەچچە ھەپتە جاپالىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بىر خىل نۇرنىڭ ۋاكۇئۇملۇق زەرەت قويۇپ بېرىش لامپىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، بارىي سىئانوپلاتسىنتقا چۈشۈپ، ئۇنى يالتىراق نۇر چىقىرىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. بۇ خىل ئالاھىدە نۇر ھىملانغان نېگاتىپنى نۇرلاندۇرالايدۇ، يەنە ئۇ نېپىز مېتال پلاستىنكىدىن ئۆتەلەيدۇ ھەم كىيىمدىكى مېتال پۇل ۋە ئالىقان سۆڭەكلىرىنىڭ تەسۋىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ قانداق خۇسۇسىيەتلىك نۇر ئىكەنلىكى نامەلۇم بولغانلىقتىن، رېنتگېن ئۇنى «X» نۇر دەپ ئاتىغان. رېنتېگن X نۇردىن پايدىلىنىپ X نۇرنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دۇنيادىكى تۇنجى پارچە ئادەم ئالىقىنى سۆڭىكى سۈرىتىنى تارتقان. كېيىن ئالىملار بۇ خىل نۇرنى تېببىي داۋالاش ۋە ماددىنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىشتا قوللانغان، مەسىلەن، X نۇر ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇش، X نۇر ئارقىلىق داۋالاش، X نۇر ئارقىلىق تەھلىل قىلىش، X نۇر ئارقىلىق نۇقسان تەكشۈرۈش قاتارلىقلار. X نۇرنىڭ بايقىلىشى20 - ئەسىردىكى فىزىكا ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بېرىپ، ئىلىم - پەن تارىخىنىڭ بىر يېڭى دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇ سەۋەبتىن، رېنتگېن1901 - يىلى دۇنيادىكى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئالىم بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى