قۇرۇق جىلغىنىڭ ئاۋاز ئۇزىتىشى ۋە دولقۇننىڭ قايتىشى
فىزىكا بىلىملىرى
جىمجىت تاغ جىلغىسىدا توۋلىسىڭىز، خۇددى قارشى تەرىپىڭىزدىن بىر ئادەم توۋلىغانغا ئوخشاش ئېنىق ئەكس سادانى ئاڭلايسىز. يېرىم كېچىدە، سېمونت ياكى شېغىللىقتا يالغۇز مېڭىپ تار كوچىلاردىن ئۆتكىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزنىڭ ئاياغ تىۋىشىڭىزدىن باشقا، يەنە «دوك - دوك» قىلغان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ.
بۇ بىر خىل ئاۋازنىڭ قايتىش ھادىسىسى. ئاۋاز تارقىلىش جەريانىدا توسالغۇغا يولۇققاندا، تارقىلىش يۆنىلىشى ئۆزگىرىدۇ. بۇ، فىزىكىدا ئاۋازنىڭ قايتىشى دەپ ئاتىلىدۇ، قايتىپ كەلگەن ئاۋاز ئەكس سادا دەپ ئاتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى ئاتاقلىق تۆت ئەكس سادا قۇرۇلۇشى بېيجىڭ تيەنتەن باغچىسىدىكى ئەكس سادا تېمى، خېنەندىكى پاقا مۇنارى، سىچۇەندىكى تاش ساز (شىچىن) ۋە سەنشىدىكى يىڭيىڭ (تورغاي) مۇنارىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئاۋازنىڭ قايتىش پرىنسىپىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، غەلىتە ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئېرىشىلگەن.
ئەمما، سىز ئورمانلىققا قاراپ توۋلىسىڭىز، ئازراقمۇ ئەكس سادانى ئاڭلىيالمايسىز. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاۋاز دەرەخ غولى، شېخى ۋە دەرەخ يوپۇرماقلىرىدىن ئىبارەت بۇ ئوڭغۇل - دوڭغۇل تەكشى بولمىغان جىسىملارغا يولۇققاندا، ئوخشىمىغان ھەرقايسى يۆنىلىشلەرگە قاراپ قايتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاۋاز دولقۇنىنىڭ چېچىلىشى دەپ ئاتىلىدۇ. چېچىلىش نەتىجىسىدە، بىر قىسىم ئاۋاز دولقۇنى ئېنېرگىيىسى دەرەخ شاخلىرى، يوپۇرماقلىرى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ كەتكەچكە، قايتقان ئاۋاز دولقۇنى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، بەزىدە يەنە باشقا يۆنىلىشلەردىن كەلگەن ئاۋازلار بىلەن يېيىشىپ كېتىپ، ئېنىق ئەكس سادا ھاسىل قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىرتقى يۈزى تەرتىپلىك (مەسىلەن، تەكشىلىك)، سىلىق، قاتتىق بولغان توسالغۇ جىسىملارنىڭ قايتۇرۇش ئىقتىدارى ياخشىراق بولىدۇ، سىرتقى يۈزى ئويمان - دۆڭ، يىرىك، كۆپ تۆشۈكلۈك توسالغۇ جىسىملارنىڭ ئاۋاز قايتۇرۇش ئىقتىدارى ناچارراق بولىدۇ. ئاۋاز ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى تىياتىرخانا، مۇزىكا زالى قاتارلىقلارنى قۇرۇشتا، ئەڭ ياخشى ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇشنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكىگە قارىتا ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھىلەش ئېلىپ بارىدۇ ھەم مۇۋاپىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى تاللايدۇ. ئاۋازنىڭ قايتىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان سونار خادا تاش، بېلىقلار توپى قاتارلىقلارنىڭ ئورنىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتا، دۆلەت مۇۋاپىئەسى ۋە دېڭىز قاتنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان «كۆز» ھېسابلىنىدۇ.