ۋېلىسىپىتنىڭ كەينى چىرىغى ۋە نۇرنىڭ تەتۈر يۆنىلىشلىك قايتىشى
فىزىكا بىلىملىرى
ۋېلىسىپىتنىڭ كەينىدە قىزىل رەڭلىك كىچىك چىرىغى بولىدۇ، ئۇ زىننەت بۇيۇمى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كېچىسى ۋېلىسىپىت مىنىشنىڭ بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچ چىرىغىدىن ئىبارەت. كېچىسى ۋېلىسىپىت مىنگەندە ئۇ كەينىدىن كەلگەن نۇرنى ئەسلىدىكى يولى بويىچە قايتۇرىدۇ - دە، ئۇنىڭ كەينىدىكى ئادەم ۋېلىسىپىت كەينىدىكى چىراغ قايتۇرغان قىزىل نۇرنى ئېنىق كۆرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋېلىسىپىتنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى بىلىدۇ - دە، سوقۇلۇپ كېتىش خەتىرىدىن ساقلىنىدۇ. بۇنىڭدا نۇرنىڭ تەتۈر يۆنىلىشلىك قايتىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىلغان.
نۇرنىڭ تەتۈر يۆنىلىشلىك قايتىشى يەنە قايتا قايتىش، كەينىدىن قايتىشمۇ دېيىلىدۇ، ئۇ بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئەينەكتىن قايتىش، چاچراپ قايتىشلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ نۇرنى ئەسلىدىكى يولى بويىچە قايتۇرىدۇ. قىزىل سۇلياۋدىن ياسالغان ۋېلىسىپىت ئارقا چىرىغىنىڭ سىرتقى يۈزى تەكشىلىكتىن ئىبارەت، بۇ سۇلياۋ تەكشىلىكنىڭ كەينى (يەنى ۋېلىسىپىتنىڭ ئالدى تەرىپىگە يۈزلەنگەن بىر تەرىپى) دە رەتلىك تىزىلغان تومپىيىپ چىققان نۇرغۇن تىك بۇلۇڭلۇق كونۇسسىمان پرىزمىلار بولىدۇ، ھەربىر تىك بۇلۇڭلۇق كونۇسسىمان پرىزما بىر كۇب جىسىمنىڭ بىر بۇلۇڭىغا تەڭداش بولىدۇ. بۇ ئۆزئارا تىك بولغان ئۈچ دانە تەكشى يۈزلۈك ئەينەككە تەڭداش بولىدۇ. بۇنداق ئالاھىدە لايىھىلەنگەندە، كېچىسى ئاپتوموبىلنىڭ چىراغ نۇرى ئۇنىڭغا چۈشكەندە، مەيلى قايسى يۆنىلىشتىن چۈشكەن بولمىسۇن، قايتقان نۇرلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوموبىلغا قايتىپ بارىدۇ، نۇر ئادەتتىكى چاچراپ قايتقان نۇرلاردىن كۆپ كۈچلۈك بولغاچقا، نۇر چىقىرىۋاتقان قىزىل چىراغقا ئوخشاش بولىدۇ - دە، شوپۇرلار ئۇنى كۆزىتەلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.1969 - يىلى ئاپوللو11 - نومۇرلۇق100 پارچە تىك بۇلۇڭلۇق كونۇسسىمان پرىزمىدىن تەشكىل تاپقان قايتۇرغۇچنى تۇنجى قېتىم ئايغا ئېلىپ چىققان، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يەر يۈزىدىن كەلگەن لازېر نۇرنى قايتۇرۇپ ئاي شارى بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقىنى توغرا ئۆلچەپ چىققان.
نۇرنىڭ تەتۈر يۆنىلىشلىك قايتىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، تاشيولنىڭ ئىككى يېقىغا ئورنىتىلغان ھەر خىل قاتناش كۆرسەتكۈچ بەلگىلىرى تەتۈر يۆنىلىشلىك نۇر قايتۇرىدىغان نېپىز پەردىلەردىن ياسىلىدۇ. بۇ خىل تەتۈر يۆنىلىشلىك نۇر قايتۇرىدىغان نېپىز پەردە سۈزۈك مۇھاپىزەت قەۋىتى، يەككە قات بويىچە تىزىلغان ئىنتايىن كىچىك ئەينەك ساقا (دىئامېتىرى40 مىكرون ئەتراپىدىكى كاۋاك ئەينەك ساقا)، نۇر قايتۇرۇش قەۋىتى، قاتلىما قەۋىتى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. كۈندۈزى قۇياش نۇرىنىڭ ئەينەك يۈزىدە قايتىشى ۋە چاچراپ قايتىشى ئارقىلىق، شوپۇرلار بۇنداق قاتناش بەلگىلىرىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. كېچىسى، ئاپتوموبىل چىرىغىنىڭ نۇرى چۈشكەندە، نۇرلار ئەسلىدىكى يولى بويىچە قايتىپ، بەلگىلەر ئىنتايىن يورۇق بولۇپ كېتىدۇ - دە، شوپۇرلار نەچچە يۈز مېتىر يىراقلىقتىلا ئۇنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. ھازىر بۇ خىل تەتۈر يۆنىلىشلىك نۇر قايتۇرىدىغان نېپىز پەردىنىڭ سۈزۈك قوغداش قەۋىتى ئاق، سېرىق، قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، يېشىل، كۆك قاتارلىق كۆپ خىل رەڭلىك قىلىپ ياسالماقتا، ئاپتوموبىل چىرىغى نۇرى چۈشكەندە، رەڭلىك ھەر خىل قاتناش بەلگىلىرى گەۋدىلىنىدۇ، بۇ يەنە تۆمۈريول بەلگىلىرى، ئاپتوموبىل نومۇرى، قۇرۇلۇش بەلگىسى، سودا ئېلانى، قۇتقۇزۇش ئەسۋابلىرى قاتارلىقلاردا قوللىنىلماقتا.