UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئاۋازنى» ساپلاشتۇرۇش« ھەم»ئېلىش»

ئاۋازنى» ساپلاشتۇرۇش« ھەم»ئېلىش»

فىزىكا بىلىملىرى ماشىنىلار گۈرۈلدىگەن شاۋقۇندا ئۇزاق مۇددەت ئىشلىگەنلەرنىڭ كەيپىياتى ئاكتىپ، ئىرادىسى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدىغان، بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا سالامەتلىكى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇنى ئاۋازنىڭ بۇلغىنىشى − شاۋقۇن كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شاۋقۇن دېگىنىمىز كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە زىيانلىق بولغان قالايمىقان ئاۋازلارنى كۆرسىتىدۇ. چاستوتىسى، كۈچلۈكلۈكى ئوخشاش بولمىغان ئاۋازنىڭ قانۇنىيەتسىز ئارىلىشىشىدىن شاۋقۇن شەكىللىنىدۇ. شاۋقۇن پاسكىنا سۇ، كېرەكسىز گازلار بىلەن بىرلىكتە مۇھىتنى بۇلغىغۇچى ئۈچ چوڭ ئومۇمىي ئاپەت ھېسابلىنىدۇ. شاۋقۇن كىشىلەرگە ناچار قوزغىتىش تەسىرىنى ئويناپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا كاشىلا قىلىپلا قالماي، بەك كۈچلۈك شاۋقۇن كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. شاۋقۇن باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئەستە تۇتۇش كۈچى ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى زەئىپلەشتۈرۈپ، ئاڭلاش سېزىمىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا قۇلاقنى گاس قىلىپ قويىدۇ، يەنە يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسەللىكى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، شاۋقۇننى كونترول قىلىش، شاۋقۇننىڭ بۇلغىنىشىنى يوقىتىشقا كىشىلەر بارغانسېرى ئەھمىيەت بەرمەكتە. كىشىلەر گەرچە شاۋقۇن بىلەن مۇزىكىلىق ئاۋازنىڭ ئاۋاز دولقۇن ئالاھىدىلىكى ۋە پەرقىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەزى ماشىنىلارنى ئايلىنىش جەريانىدا مۇزىكىلىق ئاۋاز چىقىرىدىغان قىلالمايدۇ. شاۋقۇن مۇھىتىنى ياخشىلاشتا، ئاۋۋال ئۈسكۈنىلەرنى ۋە تېخنولوگىيە مەشغۇلات تەرتىپىنى ئۆزگەرتىپ، شاۋقۇنسىز (ياكى تۆۋەن شاۋقۇن) ئۈسكۈنە ۋە تېخنولوگىيىنى قوللىنىپ، شاۋقۇن مەنبەسىنى يوقىتىش؛ ساقلانغىلى بولمايدىغان بەزى شاۋقۇن مەنبەسى بىلەن خىزمەت، تۇرمۇش رايونلىرىنى ئايرىۋېتىش، مەسىلەن، ئايرودرومنى شەھەر سىرتىغا قۇرۇش؛ بىناكارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئاۋاز يۇتۇش سىستېمىسى ۋە ئاۋاز ئايرىۋېتىش سىستېمىسى ئارقىلىق شاۋقۇننى تۆۋەنلىتىش كېرەك؛ ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش ئېلىپ بېرىپ شەھەر ۋە زاۋۇت، كان، كارخانىنىڭ شاۋقۇننى تۆۋەنلىتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كېرەكسىز ئاۋازنى يوقىتىپ، ئاۋاز مۇھىتىنى «ساپلاشتۇرۇش» كېرەك، ئالىملار شاۋقۇنغا تاقابىل تۇرىدىغان بىر خىل ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇ خىل قۇرۇلمىدا ئىلغار ئېلېكترون تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، «شاۋقۇنغا قارشى» بىر خىل ئاۋاز دولقۇنى ھاسىل قىلىنىش ئارقىلىق، قارشى ئېلىنمايدىغان ئاۋازنىڭ ئاۋاز دولقۇنى يوقىتىلىپ، ئاۋاز بىلەن ئاۋازنى يوقىتىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بىز ئاۋازغا تولغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، دائىم بۇلاردىن كېرەكلىك بولغان ئاۋازنى «ئېلىۋالىمىز» ھەم «ساقلاپ قويىمىز»، رادىئولۇق ئۈنئالغۇدىكى خاتىرىلەنگەن ئاۋاز بولسا ئاۋاز مۇھىتىدا «ئېلىۋېلىنغان» كېرەكلىك ئاۋازدىن ئىبارەت. ئەگەر «ئېلىش» مۇۋاپىق بولمىسا، كېرەكسىز شاۋقۇنلار ئارىلىشىپ كېتىدۇ - دە، ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە باشقا ئاۋازنى يۈدىگۈچى (توشۇغۇچى) قىلغان ئۇچۇر تارقىتىشتىمۇ شاۋقۇننىڭ تەسىرىنى يوقىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالىملار ئاۋاز سىگنالىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىلغار سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ ئاۋازنى «ئېلىش» ۋە «ساپلاشتۇرۇش» ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۇنى يۇقىرى ئەينەنلىككە ئىگە ئاۋاز ئېلىش (خاتىرىلەش) ۋە ئاۋاز قويۇپ بېرىش تېخنىكىسىدا قوللانماقتا. مەسىلەن، ئالەمدىن ئۆتكەن داڭلىق سەنئەتكار مېي لەنفاڭنىڭ پاتېفون پلاستىنكىسىدا يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئارىلاش ئاۋازلار پەيدا بولۇپ قالغان، مۇشۇنداق ئاۋاز سىگناللىرىغا نىسبەتەن بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق «ئېلىش» ۋە «ساپلاشتۇرۇش» ئېلىپ بېرىلىپ، شاۋقۇن چىقىرىۋېتىلىدۇ - دە، پاتېفون پلاستىنكىسىدا ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاۋازى بولىدىغانلىقتىن، ھەربىر كىشىنىڭ ئاۋازى ھەربىر كىشىنىڭ بارماق ئىزىغا ئوخشاش مۇتلەق ئوخشاش بولمايدۇ. ئاۋاز سىگناللىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى كىشىلەرگە يېڭى بىر خىل چارلاش ئۇسۇلى — ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى تەمىنلەپ بەردى، بۇ ئارقىلىق جىنايەتچىگە قارىتا چارلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا جىنايەتچىنىڭ جىنايەت سادىر قىلغان مەيداندا قالدۇرغان ئاۋازىنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسەن، جىنايەتچىنىڭ ئاۋازى توغرا «ئېلىنىپ»، گۇمانلىق كىشىلەر ئىچىدىن جىنايەتچى تېپىپ چىقىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
ئاۋازنى» ساپلاشتۇرۇش« ھەم»ئېلىش» | UyghurWiki | UyghurWiki