UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىسۈركەش ئارقىلىق زەرەتلەش

سۈركەش ئارقىلىق زەرەتلەش

فىزىكا بىلىملىرى ھاۋا قۇرغاق بولغاندا سۇلياۋ تارغاق بىلەن پاكىز چاچنى تارىغاندا، چاچلار تارغاق بىلەن بىللە لەپىلدەيدۇ. ئەگەر تارغاقنى كىچىك قەغەز پارچىلىرىغا يېقىنلاشتۇرغاندا، تارغاق ئۇلارنى ئۆزىگە تارتىدۇ. جىسىمنىڭ سۈركەلگەندىن كېيىن يېنىك ھەم كىچىك جىسىمنى ئۆزىگە تارتىدىغان بۇ خىل ھادىسە سۈركەش ئارقىلىق زەرەتلەش دەپ ئاتىلىدۇ. ھەرقانداق ئىككى جىسىم سۈركەلسە زەرەتلىنىدۇ.18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئامېرىكىلىق ئالىم فرانكلىن تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خۇسۇسىيىتى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل زەرەت بار دەپ قارىدى، ئۇلار مۇسبەت زەرەت ۋە مەنپىي زەرەت دەپ ئاتىلىدۇ. جىسىم سۈركىلىشتىن ئىگە بولغان زەرەت مۇسبەت زەرەت بولمىسا چوقۇم مەنپىي زەرەت بولىدۇ. پەندە مۇنداق بەلگىلەنگەن: يىپەككە سۈركەلگەن ئەينەك تاياقچىنىڭ زەرەتلەنگەن زەرىتىگە ئوخشاش بولغىنى مۇسبەت زەرەت دەپ ئاتىلىدۇ؛ تېرىگە سۈركەلگەن كاۋچوك تاياقچىنىڭ زەرەتلەنگەن زەرىتىگە ئوخشاش بولغىنى مەنپىي زەرەت دەپ ئاتىلىدۇ. سۈركەشتىن زەرەتلىنىش پەقەتلا بىر خىل ھادىسە. يېقىنقى زامان پەنلىرى بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، ھەرقانداق جىسىم ئاتومدىن تۈزۈلىدۇ، ئاتوم مۇسبەت زەرەتلىك ئاتوم يادروسى بىلەن مەنپىي زەرەتلىك ئېلېكتروندىن تۈزۈلىدۇ، ئېلېكترون ئاتوم يادروسىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاتوم يادروسىنىڭ مۇسبەت زەرىتىنىڭ سانى بىلەن يادرو سىرتىدىكى ئېلېكتروننىڭ مەنپىي زەرىتىنىڭ سانى تەڭ بولۇپ، ئاتوم ئېلېكترلىك خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلىمەيدۇ، شۇڭا پۈتۈن جىسىم نېيترال بولىدۇ. ئاتوم يادروسىدىكى مۇسبەت زەرەتنىڭ سانى ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدۇ، يادرو سىرتىدىكى ئېلېكترون ئاتوم يادروسىنىڭ بوغۇپ تۇرۇشىدىن قۇتۇلۇپ، باشقا بىر جىسىمغا يۆتكىلىپ كېتەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يادرو سىرتىدىكى ئېلېكتروننىڭ مەنپىي زەرىتىنىڭ سانى ئۆزگىرىدۇ. جىسىم ئېلېكتروننى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئېلېكترونلىرىنىڭ مەنپىي زەرىتىنىڭ ئومۇمىي سانى ئاتوم يادروسىنىڭ مۇسبەت زەرىتىدىن ئاز بولۇپ قالىدۇ - دە، جىسىم مۇسبەت زەرەتلىك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ؛ ئەكسىچە، ئەسلىدە نېيترال بولغان جىسىم ئېلېكترونغا ئېرىشكەندىن كېيىن، مەنپىي زەرەتلىك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئىككى جىسىم ئۆزئارا سۈركەلگەندە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جىسىم بەزى ئېلېكترونلىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ، يەنە بىر جىسىم بولسا ئارتۇقچە ئېلېكترونغا ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، ئەينەك تاياقچىنى يىپەككە سۈركىگەندە، ئەينەك تاياقچىدىكى بەزى ئېلېكترون يىپەككە يۆتكىلىپ كېتىدۇ - دە، ئەينەك تاياقچە ئېلېكترونلىرىنى يوقىتىپ قويغانلىقىدىن مۇسبەت زەرەتلىنىدۇ، يىپەك ئېلېكترونغا ئېرىشكەنلىكتىن تەڭ مىقداردىكى مەنپىي زەرەت بىلەن زەرەتلىنىدۇ. كاۋچوك تاياقچىنى تېرىگە سۈركىگەندە، تېرىدىكى بەزى ئېلېكترونلار كاۋچوك تاياقچىغا يۆتكىلىپ كېتىپ، تېرە مۇسبەت زەرەتلىنىدۇ - دە، كاۋچوك تاياقچە تەڭ مىقداردىكى مەنپىي زەرەت بىلەن زەرەتلىنىدۇ. دېمەك، سۈركەش ئارقىلىق زەرەتلەشتە زەرەت بەرپا قىلىنمايدۇ، پەقەت ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولغان ئېلېكترون بىر جىسىمدىن يەنە بىر جىسىمغا يۆتكىلىدۇ، خالاس.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
سۈركەش ئارقىلىق زەرەتلەش | UyghurWiki | UyghurWiki