بېسىم كۈچى
فىزىكا بىلىملىرى
بۇرۇن كىشىلەر ھاۋانىڭ ئېغىرلىقى يوق، بېسىم ھاسىل قىلالمايدۇ، دەپ قارىغان.1642 - يىلى ئالىم تورىچېللى ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ سانلىق قىممىتىنى ئۆلچەپ چىققان. تۆت يىلدىن كېيىن پاسكال ئاتموسفېرا بېسىمى ئېگىزلىكنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كىچىكلەيدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلىدى.
ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،1654 - يىل5 - ئاينىڭ8 - كۈنى، گېرمانىيىنىڭ ماگدېبورگ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، ئالىم ئوتتو.گېرك دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بىر تەجرىبىنى ئىشلىگەن. ئۇ مىستىن دىئامېتىرى ئوخشاشلا 37cm بولغان، ئۆزئارا جىپسىلىشالايدىغان ئىچى كاۋاك ئىككى يېرىم شار ياسىغان. ھاۋانىڭ قېچىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىككى يېرىم شارنىڭ جىپسىلاشقان جايىغا موم ۋە سكىپدارغا چىلانغان تېرە ھالقا بېكىتىپ قويغان ھەم بىر دانە يېرىم شارغا بىر جۈمەك ئورنىتىپ قويغان، جۈمەك ئارقىلىق شاردىكى ھاۋا تارتىپ چىقىرىۋېتىلگەن. تەجرىبە ئىشلىگەندە، ھاۋا تارتىش ناسوسى ئارقىلىق شاردىكى ھاۋا تارتىپ چىقىرىۋېتىلىپ، ئاندىن ئىككى گۇرۇپپا ئاتنىڭ ھەربىر گۇرۇپپىسى ئارقىلىق بىر دانە يېرىم شار قارىمۇقارشى يۆنىلىشتە تارتقۇزۇلغان، نەتىجىدە سەككىز جۈپ ئات ئۇلارنى تارتىپ ئاجرىتالمىغان. ئەمما، جۈمەكنى بۇراپ، ھاۋانى شارغا كىرگۈزگەندە، ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئىككى يېرىم شارنى ئاجرىتىۋەتكەن. مانا بۇ دۇنياغا مەشھۇر «ماگدېبورگ يېرىم شارلىرى تەجرىبىسى». ئۇ كىشىلەرگە ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، يەنە ھەيران قالارلىق ھالدا چوڭ بولىدىغانلىقىنى تەسىرلىك ھالدا ئېيتىپ بەردى.
تەجرىبىلەر، ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ ئومۇمەن 76cm ئېگىزلىكتىكى سىماب تۈۋرۈكى ھاسىل قىلغان بېسىمغا تەڭداش بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئاتموسفېرانىڭ ئۆزگىرىشى ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا، ئاتموسفېرا بېسىمىنى ئۆلچەش ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتىكى مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن، ئادەتتە76cm ئېگىزلىكتىكى سىماب تۈۋرۈكى ھاسىل قىلغان بېسىمغا تەڭ بولغان ئاتموسفېرا بېسىمى1 نورمال ئاتموسفېرا بېسىمى قىلىپ بېكىتىلگەن
نورمال ئاتموسفېرا بېسىمى
1=1.0336kg
بۇ، تىرناقچىلىك چوڭلۇقتىكى يۈزگە نىسبەتەن gk1 دىن ئارتۇق بېسىم كۈچى چۈشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر ئادەمنىڭ سىرتقى يۈزىنى20000cm2 بويىچە ھېسابلىغاندا، بەدىنىمىزنىڭ سىرتقى يۈزى ھەر دائىم 20000kg بېسىم كۈچىگە ئۇچرايدۇ. ئادەتتە ھاۋانىڭ بىزگە بولغان بېسىم كۈچىنى ھېس قىلالمايمىز، بۇنىڭ سەۋەبى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچىدىكى بېسىم بىلەن ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ تەڭ بولغانلىقىدا.
ئاتموسفېرا بېسىمى ئېگىزلىكنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي كىچىكلەيدۇ. ئۇچقۇچى مۇشۇ پرىنسىپقا ئاساسەن ياسالغان ئالتىمېتىر (ئېگىزلىك ئۆلچىگۈچ) ئارقىلىق ئېگىزلىكنى ئۆلچەيدۇ، بۇ خىل ئالتىمېتىر ئەمەلىيەتتە بارومېتىردىن ئىبارەت بولۇپ، پەقەت ئايروپىلاننىڭ ھاۋادىكى ھاۋا بېسىم قىممىتى ئۆلچەنسىلا، ماس ھالدىكى ئېگىزلىكنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.