UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىقۇرغاق باتارېيە قانداق ئىشلەيدۇ؟

قۇرغاق باتارېيە قانداق ئىشلەيدۇ؟

فىزىكا بىلىملىرى بەزى قۇرغاق باتارېيىنىڭ سىرتقى قېپىنىڭ ئىككى ئۇچىغا +، - بەلگىلەر (ئالامەتلەر)، ئوتتۇرىسىغا «ئېلېكتر بېسىمى V5.1» دېگەن خەتلەر ئىپادىلەپ قويۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىككى قۇتۇپى بىلەن ئېلېكتر بېسىمى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. قۇرغاق باتارېيىنىڭ سىرتقى قېپى سىنكتىن ياسالغان سىلىندىر بولۇپ، ئىچىگە خىمىيىلىك دورىلار قاچىلىنىدۇ، سىنك سىلىندىرنىڭ مەركىزىگە بىر تال كاربون تاياقچە تۇرغۇزۇلۇپ، كاربون تاياقچىنىڭ چوققىسىغا بىر دانە مىس قالپاق مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. قۇرغاق باتارېيىنىڭ ئىچىدە خىمىيىلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، كاربون تاياقچىغا نۇرغۇن مۇسبەت زەرەتلەر، سىنك سىلىندىرنىڭ سىرتقى يۈزىگە نۇرغۇن مەنپىي زەرەتلەر يىغىلىدۇ. كاربون تاياقچە بىلەن سىنك سىلىندىر قۇرغاق باتارېيىنىڭ ئېلېكتر قۇتۇپلىرى دەپ ئاتىلىدۇ، مۇسبەت زەرەتلەر يىغىلغان كاربون تاياقچە مۇسبەت قۇتۇپ، مەنپىي زەرەتلەر يىغىلغان سىنك سىلىندىر مەنپىي قۇتۇپ دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرغاق باتارېيىنىڭ سىرتقى قېپىدىكى بەلگە +، - لەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا باتارېيىنىڭ مۇسبەت قۇتۇپى ۋە مەنپىي قۇتۇپىنى ئىپادىلەيدۇ. »ئېلېكتر بېسىمى V5.1« باتارېيىنىڭ ئىككى قۇتۇپى ئارىسىدىكى ئېلېكتر بېسىمىنىڭ5 .1 ۋولت (ئېلېكتر بېسىمىنىڭ بىرلىكى، بەلگىسىV) ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئېلېكتر بېسىمى دېگەن نېمە؟ بۇنى سۇنىڭ ئېقىش ئەھۋالىغا ئوخشىتىش ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدە جۈمەك K نى ئاچقاندا، تۇرۇبا C دا، A دىن B غا ئاققان سۇ ئېقىمى شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، A قاچىدىكى سۇ يۈزى B قاچىدىكى سۇ يۈزىدىن ئېگىز بولۇپ، A، B نى تۇتاشتۇرغان تۇرۇبىدا سۇ بېسىمى ھاسىل بولىدۇ. ناسوس T نىڭ رولى سۇنى ئۈزلۈكسىز ھالدا B دىن A غا چىقىرىپ، A ئورۇندىكى سۇ ئورنىنى ھامان B ئورۇندىكى سۇ ئورنىدىن ئېگىز قىلىپ، A، B لار ئارىسىدا بەلگىلىك سۇ بېسىمىنى ساقلاپ، بۇ ئارقىلىق سۇنى ئۈزلۈكسىز ئاققۇزۇشتىن ئىبارەت. ئۆتكۈزگۈچ سىم ئارقىلىق كىچىك لامپۇچكىنى باتارېيىنىڭ ئىككى قۇتۇپى ئارىسىغا تۇتاشتۇرغاندا، كىچىك لامپۇچكا يانىدۇ، بۇ، ئېلېكتر زەنجىرىدە توكنىڭ بار بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئېلېكتر زەنجىرىدىكى ئەركىن زەرەتلەرنىڭ يۆنىلىشلىك يۆتكىلىپ توك ھاسىل قىلالىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، توك مەنبەسىنىڭ مۇسبەت قۇتۇپىدا ئارتۇقچە مۇسبەت زەرەتلەر، توك مەنبەسىنىڭ مەنپىي قۇتۇپىدا ئارتۇقچە مەنپىي زەرەتلەر بار بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئېلېكتر زەنجىرىدە ئېلېكتر بېسىمى ھاسىل بولىدۇ. توك مەنبەسىنىڭ رولى ناسوسنىڭ رولىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا مۇسبەت زەرەتلەرنى مۇسبەت قۇتۇپقا، مەنپىي زەرەتلەرنى مەنپىي قۇتۇپقا يىغىپ، ئىككى قۇتۇپ ئارىسىدا مۇئەييەن ئېلېكتر بېسىمىنى ساقلاپ، ئۇلانغان ئۆتكۈزگۈچتىن ئۈزلۈكسىز ھالدا توك ئۆتۈپ تۇرىدىغان قېلىشتىن ئىبارەت
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
قۇرغاق باتارېيە قانداق ئىشلەيدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki