UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىبروئۇن ھەرىكىتى − ماددا مولېكۇلىلىرىنىڭ ھەرىكىتى

بروئۇن ھەرىكىتى − ماددا مولېكۇلىلىرىنىڭ ھەرىكىتى

فىزىكا بىلىملىرى ماددىنى تەشكىل قىلغان مولېكۇلىلار مەڭگۈ توختىماستىن ھەرىكەت قىلىدۇ. مولېكۇلىلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ، كۆز بىلەن بىۋاسىتە كۆرگىلى بولمايدۇ. ئوپتىكىلىق مىكروسكوپ ئارقىلىقمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇنداق بولسا، مولېكۇلىلارنىڭ مەڭگۈ توختىماستىن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ پەندە، ماددا مولېكۇلىلىرىنىڭ مەڭگۈ توختىماستىن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.1827 - يىلى ئەنگلىيىلىك بوتانىكا (ئۆسۈملۈك ئىلمى) ئالىمى بروئۇن مىكروسكوپ ئارقىلىق سۇدا ئېسىلىپ لەيلەپ يۈرگەن گۈل چېڭىنى كۆزەتكەندە، گۈل چېڭى دانچىلىرىنىڭ توختىماستىن تەرتىپسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. سۇيۇقلانغان بىر تامچە قارا سىياھنى مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، ئوخشاشلا كىچىك كاربون دانچىلىرىنىڭ توختىماستىن ئۈزۈپ يۈرگەنلىكىنى، يەنى بىردەم شەرققە، بىردەم غەربكە قاراپ ئۈزۈپ، ھەربىر كىچىك كاربون دانچىسىنىڭ ھەرىكەت لىنىيىسىنىڭ تەرتىپسىز سۇنغان سىزىقلارنى تۈزىدىغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ. بۇنداق ھادىسىنى بروئۇن بايقىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل ھەرىكەت بروئۇن ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان. بروئۇن ھەرىكىتى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، سۇدا ئېسىلىپ لەيلەپ يۈرگەن مىكرو دانچىلەر سۇ مولېكۇلىلىرى تەرىپىدىن ئورىلىپ تۇرغاچقا، ئۈزلۈكسىز ھالدا سۇ مولېكۇلىلىرىنىڭ سوقۇلۇشىغا ئۇچرايدۇ، بۇ خۇددى سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان بىر مۇز پارچىسى ئەتراپىدا بىر توپ بېلىقنىڭ ئۇيان - بۇيان ئۈزۈپ، مۇز پارچىسىغا ئۈزلۈكسىز سوقۇلۇپ تۇرغىنىغا ئوخشايدۇ. مەلۇم پەيتتە سولغا قارىتا بولغان كۈچ چوڭراق بولغاندا، مۇز پارچىسى سولغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ؛ كېيىنكى بىر پەيتتە ئوڭغا قارىتا بولغان كۈچ چوڭراق بولغاندا، مۇز پارچىسى يەنە ئوڭغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ؛ ئالدىغا قارىتا بولغان كۈچ چوڭراق بولغاندا، مۇز پارچىسى يەنە ئالدىغا قارىتا ھەرىكەت قىلىدۇ، … مانا مۇشۇنداق مۇز پارچىسى بىردەم ئالدىغا، بىردەم كەينىگە، بىردەم سولغا، بىردەم ئوڭغا قارىتا ھەرىكەت قىلىدۇ. مىكروسكوپتا كۆرۈنگەن كىچىك دانچە مۇز پارچىسىغا، سۇ مولېكۇلىلىرى بېلىق توپىغا ئوخشايدۇ. مۇز پارچىسىنىڭ ھەرىكىتىنى بېلىقلار توپىنىڭ ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كىچىك دانچىنىڭ تەرتىپسىز ھەرىكىتىنى دەل سۇ مولېكۇلىلىرىنىڭ تەرتىپسىز ھەرىكىتى ئىتتىرىپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىلمىي كۆزىتىشلەر، بروئۇن ھەرىكىتىنىڭ ھەرگىز توختىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، مەيلى ياز كۈنى ياكى قىش كۈنى بولسۇن، مىكروسكوپ ئارقىلىق سۇدا ئېسىلىپ لەيلەپ يۈرگەن مىكرو دانچىلەرنى كۆزەتكەندە، ھەر ۋاقىت بروئۇن ھەرىكىتىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن، ماددا مولېكۇلىلىرى ھەرىكىتىنىڭ مەڭگۈ توختىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى