UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىيەل تاپان كېمە ۋە تەسىر كۈچ، ئەكس تەسىر كۈچ

يەل تاپان كېمە ۋە تەسىر كۈچ، ئەكس تەسىر كۈچ

فىزىكا بىلىملىرى يەل تاپان كېمە يۈرگەندە، كېمە گەۋدىسى سۇدىن ئايرىلىپ تۇرغاچقا، سائەتلىك تېزلىكى 100km دىن ئاشىدۇ. قانداق كۈچ نەچچە يۈز توننا ئېغىرلىقتىكى كېمىنى سۇ يۈزىدىن كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ؟ بۇ پرىنسىپنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆزەتكىلى بولىدۇ. ئادەم يول يۈرگەندە، ئارقىدىكى پۇت ھامان يەرنى كەينىگە تېپىپ، يەر يۈزىگە بىر تەسىر كۈچ چۈشۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر يۈزىنىڭمۇ ئادەمگە قارىتا بىر تەسىر كۈچى بولىدۇ. دەل مۇشۇ تەسىر كۈچ ئادەمنى ئالدىغا ئىلگىرىلىتىدۇ. قولۋاق ھەيدىگەندە، پالاق بىلەن سۇنى كەينىگە ئىتتىرگەندە، پالاقنىڭ سۇغا نىسبەتەن كەينىگە قارىتا تەسىر كۈچى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇنىڭمۇ پالاققا نىسبەتەن بىر تەسىر كۈچى بولىدۇ، بۇ كۈچ پالاقنى ئىتتىرىپ قولۋاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە ئالدىغا يۈرگۈزىدۇ. سۇ ئۈزگەندە، قول بىلەن سۇنى كەينىگە كۈچەپ ئىتتىرگەندە، سۇنىڭمۇ ئادەمگە قارىتا كۈچ تەسىرى بولۇپ، ئادەمنى ئالدىغا ئۈزدۈرىدۇ. نۇرغۇن ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇنداق بىر پرىنسىپنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: a جىسىم b جىسىمغا تەسىر كۈچ چۈشۈرگەندە، b جىسىممۇ چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا a جىسىمغا تەسىر كۈچ چۈشۈرىدۇ، فىزىكىدا بۇ ئىككى كۈچنىڭ بىرى تەسىر كۈچ، يەنە بىرى ئەكس تەسىر كۈچ دەپ ئاتىلىدۇ. ئالىملار شۇنى بايقىدىكى، تەسىر كۈچ بىلەن ئەكس تەسىر كۈچنىڭ يۆنىلىشى ھامان قارىمۇقارشى بولىدۇ؛ تەسىر كۈچ قانچە چوڭ بولسا، ئەكس تەسىر كۈچمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن، ئالىقىنىڭىزنى تۆۋەنگە قارىتىپ ئۈستەل يۈزىگە ئۇرغىنىڭىزدا، قانچە كۈچىسىڭىز، قولىڭىزنىڭ شۇنچە قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. دەل تەسىر ۋە ئەكس تەسىرنىڭ پرىنسىپىغا ئاساسەن، يەل تاپان كېمە سۇ يۈزىدىن كۆتۈرۈلەلەيدۇ. بۇنداق كېمىگە بىرنەچچە چوڭ شامالدۇرغۇچ ئورنىتىلىدۇ، شامالدۇرغۇچ ھاسىل قىلغان سىقىلغان ھاۋا كېمە تېگىنىڭ ھەممە ئەتراپىدىكى ھالقىسىمان ئۆتۈشۈش يولىدىن ناھايىتى يۇقىرى تېزلىكتە تۆۋەنگە پۈركۈلۈپ چىقىپ، كېمە گەۋدىسىنى يۇقىرىغا قارىتىلغان ئەكس تەسىر كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ ئەكس تەسىر كۈچ كېمە گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇدەك دەرىجىگە يەتكەندە، كېمە گەۋدىسى سۇ يۈزىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. سۇ يۈزى بىلەن كېمە گەۋدىسى ئارىسىدا بىر قەۋەت يۇقىرى بېسىملىق ھاۋا پىستىرمىسى شەكىللىنىدۇ، بۇ، يەل تاپان (يەل پىستىرما) دەپ ئاتىلىدۇ، شۇڭا بۇ خىل كېمىگە يەل تاپان كېمە دەپ نام بېرىلگەن. ئۇنىڭ سۇ ئىچىدە يۈرگەن كېمىگە قارىغاندا ئۇچرايدىغان قارشىلىق كۈچى كۆپ كىچىك بولىدۇ. دۇنيا بويىچە تۇنجى ئادەملىك يەل تاپان كېمىنى ئەنگلىيىلىك ئىنژېنېر كرىستوف. ككلېر1959 - يىلى5 - ئايدا تەتقىق قىلىپ ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ھازىر نۇرغۇن مەملىكەتلەردىكى يەل تاپان كېمىلەر سۇ يۈزىدە يۈرۈپلا قالماستىن، يەنە سازلىق، قۇملۇق ياكى مۇز يۈزىدە تەكشى يۈرەلەيدۇ. سۈركىلىش ماشىنا زاپچاسلىرىنى ئۇپرىتىپ، ماشىنىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىپلا قالماي، يەنە خېلى بىر قىسىم ئېنېرگىيىنى بىكاردىن - بىكار خورىتىۋېتىدۇ. ئىنسانىيەت سۈركىلىش بىلەن ئۇدا كۈرەش قىلىپ كەلدى، يەل تاپان بۇ جەھەتتە كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە. ھازىر سانائەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ھاۋا يەل تاپان ئوق قازان ئىشلىگەندە ئوق بوينى بىلەن ئوق قازان ئارىسىدا يۇقىرى بېسىملىق بىر قەۋەت ھاۋا نېپىز پەردىسى، يەنى يەل تاپان شەكىللىنىپ، ئوق بوينى يەل تاپان ئۈستىدە ئېسىلىپ لەيلەپ ئايلىنالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئايلانما ھەرىكەتتىكى سۈركىلىش نۆل دېيەرلىك بولىدۇ. ھاۋا يەل تاپان ئوق قازان قوللىنىلغان مەركەزدىن قاچما مېخانىزمنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى يۇقىرى بولۇپ مىنۇتىغا300 مىڭدىن400 مىڭ قېتىمغىچە بولىدۇ، ئادەتتىكى ئوق قازانلار بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ يېتەلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
يەل تاپان كېمە ۋە تەسىر كۈچ، ئەكس تەسىر كۈچ | UyghurWiki | UyghurWiki