UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئاۋاز ئۇزىتىلىش ۋە دولقۇن دىفراكسىيىسى

ئاۋاز ئۇزىتىلىش ۋە دولقۇن دىفراكسىيىسى

فىزىكا بىلىملىرى سۇ دولقۇنى تارقىلىش جەريانىدا كۆۋرۈكنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرايدۇ ھەم كۆۋرۈك سۈڭگۈچىدىن ئۆتۈپ كۆۋرۈكنىڭ ئىككىنچى بىر يېقىغا تارقىلىپ بارالايدۇ. بۇ خىل ھادىسە دولقۇننىڭ دىفراكسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە دولقۇننىڭ ئايلىنىپ ئۆتۈشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دىفراكسىيە بارلىق دولقۇننىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. ئېگىز تامنىڭ ئىككى يېقىدا تۇرغان ئادەملەر قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاۋاز گەرچە قېلىن تامنى تېشىپ ئۆتەلمىسىمۇ، ئەمما تامنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ تارقىلالايدۇ. ئەگەر جىسىم ئارقىلىق لامپا يورۇقلۇقىنى توسۇۋالغاندا، تامدا جىسىمنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىرە سايە بارلىققا كېلىدۇ. بۇ، يورۇقلۇقنىڭ ئاۋازغا ئوخشاش دىفراكسىيىلىنىش قابىلىيىتى يوقتەك ئىپادىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. دولقۇننىڭ دىفراكسىيىسى دولقۇن ئۇزۇنلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قانچە ئۇزۇن بولسا، دىفراكسىيە شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. ئاۋاز دولقۇنىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10cm دىن 1m غىچە ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ. ئۇنىڭ دىفراكسىيىسىنى كىشىلەر ئوڭايلا سېزىۋالالايدۇ؛ يورۇقلۇق دولقۇنىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 0.00005cm بولۇپ، دىفراكسىيە ھادىسىسى روشەن بولمايدۇ - دە، ئادەملەر ئاسانلىقچە سېزىۋالالمايدۇ. دولقۇننىڭ دىفراكسىيىسى كەڭ قوللىنىلىدۇ. رادىئو ئاڭلىتىشتا دولقۇن ئۇزۇنلۇقى نەچچە يۈز مېتىردىن نەچچە مىڭ مېتىرغىچە بولغان دولقۇن ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ ئېگىز بىنالار، ئېگىز تاغلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ھەرقانداق بۇلۇڭ - پۇچقاقلارغا يېتىپ بارالايدۇ، شۇڭا ئادەتتە رادىئو قوبۇللىغۇچلاردا ئۆيدىن سىرتقا چىقىرىلغان ئانتېنىلار ئىشلىتىلمىسىمۇ يىراقلاردىن تارقىلىپ كەلگەن رادىئو دولقۇنلىرىنى قوبۇل قىلالايدۇ. تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئىشلىتىدىغان رادىئو دولقۇنلىرىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى پەقەت 1m ئەتراپىدىلا بولۇپ، توسالغۇدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كىچىك بولىدۇ، شۇڭا تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم سەزگۈر ئانتېننا ئىشلىتىشكە، ھەتتا ئۆينىڭ سىرتىغا ئورنىتىلغان ئېگىز ئانتېننىلاردىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى