UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىيۇلتۇزنىڭ چاقناپ تۇرۇشى ۋە يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇشى

يۇلتۇزنىڭ چاقناپ تۇرۇشى ۋە يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇشى

فىزىكا بىلىملىرى ئاسماندىكى سانسىزلىغان يۇلتۇزلار قۇياشقا ئوخشاشلا يورۇقلۇق چىقارغۇچى جىسىملاردۇر. ھاۋا ئوچۇق كېچىلىرى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى كۆرەلەيمىز، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە بۇ يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇشىدىن كېلىپ چىققان. يورۇقلۇق (نۇر) مۇھىتتا تارقالغاندا، ھامان ئۇدۇل يۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇ بىر خىل تەكشى مۇھىتتىن يەنە بىر خىل تەكشى مۇھىتقا، مەسىلەن، ھاۋادىن سۇغا ياكى سۇدىن ھاۋاغا كىرگەندە، يورۇقلۇقنىڭ بۇ ئىككى خىل مۇھىتتىكى تارقىلىش تېزلىكى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، چېگرا يۈزگە كەلگەندە بۇرۇلۇپ، بىر سۇنغان سىزىقنى بويلاپ ماڭىدۇ. يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىش جەريانىدىكى بۇ خىل بۇرۇلۇش ھادىسىسى يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلىشىنىڭ سەۋەبى ئادەمنىڭ كۆزى نۇرلارنى سۇندۇرۇپ، كۆرۈش تور پەردىسىدە بىر ئېنىق تەسۋىرنى ھاسىل قىلالايدىغانلىقىدا. ئېغىرلىق كۈچى سەۋەبىدىن، يەر شارىنى ئوراپ تۇرغان ئاتموسفېرانىڭ زىچلىقى ئېگىزلىككە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلى، ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى يەنە ھەردائىم ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بەزىدە زىچلىشىپ، زىچلىقى چوڭراق بولىدۇ، بەزىدە شالاڭلىشىپ، زىچلىقى كىچىكرەك بولىدۇ. ئاتموسفېرانىڭ بۇنداق فىزىكىلىق ئۆزگىرىشى ئاتموسفېرانىڭ سىلكىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاتموسفېرانىڭ سىلكىنىشى تۈپەيلىدىن ھاۋانىڭ سۇندۇرۇش كۆرسەتكۈچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ. مەلۇم بىر يۇلتۇزنى كۆزەتكىنىمىزدە، يۇلتۇزنىڭ نۇرى ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن ئۆتۈپ كۆزىمىزگە كىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، يۇلتۇز نۇرىنى كۆرەلەيمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتموسفېرانىڭ سىلكىنىشى تۈپەيلىدىن ھاۋانىڭ سۇندۇرۇش كۆرسەتكۈچىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، يۇلتۇز نۇرىنىڭ تارقىلىش يولىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، بۇ چاغدا يۇلتۇز نۇرى يەنە بىر ئورۇنغا يېتىپ بارىدۇ - دە، بىز ئەسلىدىكى ئورنىمىزدىلا ئۇنى كۆرەلەيمىز، نەتىجىدە بىر قېتىملىق نۇر چاقناش شەكىللىنىدۇ. ئاتموسفېرانىڭ سىلكىنىشى دائىم توختىمايدۇ ھەم بۇ كىلىماتقا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئومۇمەن، ئاتموسفېرانىڭ سىلكىنىشى ئاتموسفېرانىڭ سۇندۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى روشەن ئۆزگەرتىپ، بىر قېتىملىق نۇر چاقناشنىڭ شەكىللىنىش ۋاقىت ئارىلىقىنى1 ~4 سېكۇنت قىلىدۇ، شۇڭا بىز يۇلتۇزلارنى كۆزەتكىنىمىزدە، يۇلتۇز نۇرلىرى چاقنىغاندەك كۆرۈنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى