بۇلۇت، تۇمانلار سۇ ھورى ئەمەس
فىزىكا بىلىملىرى
بەزىلەر بۇلۇت، تۇمانلارنىڭ ھەممىسى ھورلىنىپ ھاۋاغا چىققان سۇ ھورلىرىدىن ئىبارەت. يۇقىرى بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرگىنى بۇلۇت، يەر يۈزى ئۈستىدىكى بوشلۇقنى قاپلاپ تۇرغىنى تۇمان، دېيىشىدۇ. بۇنداق دېيىش خاتا.
پۈتۈن يەر شارىنى ئوراپ تۇرغان ھاۋادا، نۇرغۇنلىغان ئىس - تۈتەك، چاڭ - توزان قاتارلىق قاتتىق جىسىم مىكرو دانچىلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە كۆپ مىقداردا سۇ ھورلىرى بولىدۇ، بۇ سۇ ھورلىرى دېڭىز - ئوكيان، دەريا، كۆل قاتارلىقلارنىڭ سۇ يۈزىدىن ۋە تۇپراق، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سىرتقى يۈزىدىن ھورلىنىپ كەلگەن بولىدۇ.
سۇ ھورىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. قىشتا ئادەم نەپەس ئالغاندا چىقىدىغان »ئاق گاز« سۇ ھورى بولماستىن، بەلكى چىققان سۇ ھورى سوغۇققا يولۇققاندا ئۇيۇشۇشتىن ھاسىل بولغان كىچىك سۇ تامچىلىرىدىن ئىبارەت.
ماددىنىڭ گاز ھالەتتىن سۇيۇق ھالەتكە ئۆزگىرىش جەريانى سۇيۇقلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. تەبىئەتتە سۇ ھورلىرىنىڭ سۇيۇقلىنىپ سۇغا ئايلىنىش ھادىسىلىرى ناھايىتى كۆپ. كۈندۈزى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق بولغاچقا، يەر يۈزىدىكى سۇلار كۆپلەپ ھورلانغاچقا، ھاۋا تەركىبىدە سۇ ھورلىرى كۆپرەك بولىدۇ؛ كېچىسى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك بولغاچقا، ھاۋادىكى سۇ ھورلىرى يەر يۈزىدىكى ئوت - چۆپ، تاشلارنىڭ ئۈستىدە ئۇيۇشۇپ سۇ تامچىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، مانا بۇ شەبنەمدۇر. ئەگەر ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن توزانلار كۆپرەك بولسا، سۇ ھورلىرى مۇشۇ لەيلەپ يۈرگەن توزانلار ئۈستىدە ئۇيۇشىدۇ، مانا بۇ تۇماندىن ئىبارەت.
تەركىبىدە نۇرغۇن سۇ ھورلىرى بولغان ھاۋا يۇقىرى بوشلۇققا ئۆرلىگەندە، يۇقىرى بوشلۇقتىكى تېمپېراتۇرا تۆۋەنرەك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، سۇ ھورلىرى ئىس - تۈتەكلەرگە يېپىشىپ ئۇيۇشۇپ سۇ تامچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تېمپېراتۇر تۆۋەنلەپ ℃0 قا چۈشكەندە، سۇ ھورلىرى يەنە بىۋاسىتە سۇبلىماتسىيىلىنىپ مۇز كرىستاللىرىغا ئايلىنىدۇ. كۆپ مىقداردىكى سۇ تامچىلىرى ۋە مۇز كرىستاللىرى يىغىلىپ، يۇقىرى بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرۈپ، بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بۇلۇتنى ھاسىل قىلىدۇ.