ئادەم يورۇقلۇقنىڭ قايتىشىغا تايىنىپ نەرسىلەرنى كۆرىدۇ
فىزىكا بىلىملىرى
ئادەم كۆزى نۇر چىقىرالمايدۇ، پەقەت جىسىمدىن كەلگەن نۇرنىلا قوبۇل قىلالايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ رەڭگارەڭ دۇنيانى كۆرەلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يورۇقلۇقنىڭ قايتىدىغانلىقىدا.
ئەتراپىمىزدىكى جىسىم مەيلى سۈزۈك بولسۇن ياكى سۈزۈك بولمىسۇن، ئۇلارغا چۈشكەن ئازدۇر - كۆپتۇر يورۇقلۇقنى قايتۇرىدۇ. جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزلىرىنىڭ سىلىقلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، يورۇقلۇق دەستىلىرىنى قايتۇرۇش ئەھۋالىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، قاراڭغۇ ئۆيدىكى ئۈستەلگە بىر ئەينەكنى ئۆرە قىلىپ قويۇپ، ئەينەككە بىر ۋاراق ئاق قەغەزنى ئېسىپ، قولچىرىغى ئارقىلىق ئەينەككە نۇر چۈشۈرسەك، قولچىرىغى نۇرىنىڭ قايتىشى بىلەن، ئاق قەغەزنىڭ تامامەن يورۇق بولغانلىقىنى، ئەينەكنىڭ خىرەلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. قائىدە بويىچە، ئەينەكنىڭ يورۇقلۇق قايتۇرۇش قابىلىيىتى ئاق قەغەزنىڭكىدىن كۆپ چوڭ بولاتتى. نېمە ئۈچۈن ئەكسىچە ئاق قەغەز ئەينەكتىن يورۇق بولۇپ قالغان؟ ئەسلىدە، قەغەزنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئىنتايىن كىچىك ئويمان - دۆڭلەر تولغان بولىدۇ، سىرتتىن كەلگەن نۇرلار بۇ سىرتقى يۈزگە چۈشكەندە، ئويمان - دۆڭ تەكشى بولمىغان سىرتقى يۈز تەرىپىدىن ھەرقايسى تەرەپلەرگە قايتۇرۇلۇپ، ئاتالمىش چاچراپ قايتىش شەكىللىنىدۇ. ئالىملار شۇنى بايقىدىكى، ئادەمنىڭ ئالەمدىكى نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى كۆرەلىشى، ئۇلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە شەكلىنى پەرقلەندۈرەلىشىنىڭ سەۋەبى چاچراپ قايتىشقا مەنسۇپ. ئەينەكنىڭ سىرتقى يۈزى ئىنتايىن سىلىق ھەم پاكىز بولغانلىقتىن، يورۇقلۇق ئۇنىڭغا چۈشكەندە، ھەرقايسى تەرەپلەرگە قايتۇرۇلمايدۇ، يورۇقلۇق پەقەت مەلۇم بىر ئېنىق يۆنىلىشنى بويلاپ قايتىدۇ، كىشىلەر بۇنى ئەينەك يۈزىدىن قايتىش دەپ ئاتىغان، قولچىراغ يورۇقلۇقىنى ئەينەككە چۈشۈرگىنىمىزدە، ئەينەكتىن قايتقان نۇرلار بىر يۆنىلىشكە يىغىلىپ، كۆزەتكۈچىنىڭ كۆزىگە كىرمىگەنلىكتىن، ئادەم كۆزىگە قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ؛ ئاق قەغەز ئۇنىڭغا چۈشكەن قولچىراغ يورۇقلۇقىنى ھەرقايسى يۆنىلىشلەرگە قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىر قىسمى كۆزىمىزگە كىرىدۇ - دە، بىز ئاق قەغەزنى ئەينەككە قارىغاندا كۆپ يورۇقتەك ھېس قىلىمىز. ئەلۋەتتە، ئەگەر بىز مەلۇم بىر يۆنىلىشتە تۇرۇپ ئەينەككە قاراپ كۆزەتسەك، ئەينەكنىڭ قايتۇرغان يورۇقلۇقى ئاق قەغەز قايتۇرغان يورۇقلۇقتىن كۆپ كۈچلۈك بولىدىغانلىقتىن، قارىماققا ئەينەك ئاق قەغەزدىن كۆپ يورۇق كۆرۈنىدۇ.
يورۇقلۇقنىڭ قايتىشى بىزگە خىلمۇخىل تەبىئەت دۇنياسىنى يارىتىپ بەردى. بۇ ئارقىلىق سۈنئىي ھەمراھ يىراق ئالەم بوشلۇقىدا يەر يۈزىدىكى كان بايلىقلىرى ۋە ئورمانلارنى سېزىپ بېرىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى مۆلچەرلەپ بەردى. ئەمما، بەزى سورۇنلاردا، كىشىلەر يەنە يورۇقلۇقنىڭ قايتىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەسىلەن، فوتو ئاپپاراتنىڭ ئوبېيكتىغا تېخىمۇ كۆپرەك يورۇقلۇق كىرىپ سۈرەت نېگاتىپىنى نۇرلاندۇرۇشى ئۈچۈن، يورۇقلۇقنىڭ ئوبيېكتىپنىڭ سىرتقى يۈزىدە قايتىشىنى ئىلاج قىلىپ ئازايتىش كېرەك.