UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئېلېكتر ماتور ۋە ماگنىت كۈچى

ئېلېكتر ماتور ۋە ماگنىت كۈچى

فىزىكا بىلىملىرى توكتا ھەرىكەتلىنىدىغان ئويۇنچۇق ئاپتوموبىلغا بىر كىچىك ئېلېكتر ماتورى ئورنىتىلغان بولىدۇ. توك مەنبەسىنى تۇتاشتۇرغاندا، ئېلېكتر ماتورى دەرھال ئايلىنىپ، ئويۇنچۇق ئاپتوموبىلنىڭ چاقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئايلاندۇرىدۇ. ئېلېكتر ماتورى نېمە ئۈچۈن ئايلىنالايدۇ؟ ئاۋۋال بىر ئاددىي تەجرىبە ئىشلەپ كۆرەيلى: بىر تىك تۆت تەرەپلىك كاتۇشكىنى تاقىسىمان ماگنىتنىڭ ماگنىت قۇتۇپلىرى ئارىسىغا قويۇپ، كاتۇشكىدىن توك ئۆتكۈزسەك، كاتۇشكىنىڭ يۇقىرىقى رەسىمدىكى ئورنىدىن ئايلىنىپ تۆۋەنكى رەسىمدىكى ئورۇنغا كەلگەنلىكىنى ھەم توختاپ قالغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كاتۇشكا يۇقىرىقى رەسىمدىكى ئورۇندا تۇرغاندا، ad تەرىپى يۇقىرىغا قارىتا بولغان بىر كۈچكە ئۇچرايدۇ، cd تەرىپى بولسا تۆۋەنگە قارىتا بولغان بىر كۈچكە ئۇچرايدۇ، شۇ سەۋەبتىن كاتۇشكا سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى بويىچە ئايلىنىدۇ. كاتۇشكا ئۈستۈنكى رەسىمدىكى ئورۇندا تۇرغاندا، ئۇنىڭab تەرىپى بىلەنcb تەرىپى ئۇچرىغان كۈچلەر دەل بىر تۈز سىزىقتا بولىدۇ ھەم چوڭ - كىچىكلىكى تەڭ، يۆنىلىشلىرى قارىمۇقارشى بولىدۇ، شۇڭلاشقا كاتۇشكا مۇشۇ تەڭپۇڭلۇق ئورنىدا توختايدۇ. ئەگەر كاتۇشكا تەڭپۇڭلۇق ئورنىدىن ئەمدىلا ئايلىنىپ ئۆتكەندە، كاتۇشكىدىكى توكنىڭ يۆنىلىشى دەرھال ئۆزگەرتىلسە، كاتۇشكا ئۈزلۈكسىز ئايلىنالايدۇ. توكتا ھەرىكەتلىنىدىغان ئويۇنچۇق ئاپتوموبىلدىكى كىچىك ئېلېكتر ماتور توكلۇق كاتۇشكىنىڭ ماگنىت مەيدانىدا ئايلىنىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا ياسىلىدۇ. ئېلېكتر ماتور مۇھىم بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مېخانىزم بولۇپ، زاۋۇتلاردىكى ھەر خىل ئىستانوك، ئېتىزنى سۇغىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇ پومپىسى، تۆمۈريولدا كېتىۋاتقان ئېلېكتروۋوز، كوچىدا كېتىۋاتقان تراللىبۇس، ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان شامالدۇرغۇچ، كىرئالغۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكتر ماتور ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ. ئېلېكتر ماتور تۇراقلىق توكلۇق ئېلېكتر ماتور ۋە ئۆزگىرىشچان توكلۇق ئېلېكتر ماتور دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. توكتا ھەرىكەتلىنىدىغان ئويۇنچۇق ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلىدىغىنى تۇراقلىق توكلۇق ئېلېكتر ماتور بولىدۇ. شامالدۇرغۇچ، كىرئالغۇلاردا ئىشلىتىلىدىغىنى ئۆزگىرىشچان توكلۇق ئېلېكتر ماتوردۇر.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى