لەيلىتىش كۈچى
فىزىكا بىلىملىرى
تاش سۇغا چۈشۈپ كەتسە، تېزلا سۇ تېگىگە چۆكۈپ كېتىدۇ. بىر تال دەرەخ يوپۇرمىقى كۆلچەككە چۈشسە، سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرىدۇ. ئېھتىمال بەزىلەر، بۇنىڭ سەۋەبى تاشنىڭ يوپۇرماقتىن ئېغىر بولغانلىقىدا، دېيىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، تاشتىن ئېغىر بولغان پولات - تۆمۈردىن ياسالغان ھەربىي پاراخوتى نېمە ئۈچۈن سۇغا چۆكۈپ كەتمەيدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، مەيلى دەرەخ يوپۇرمىقى بولسۇن ياكى تاش بولسۇن ۋە ياكى ھەربىي پاراخوتى بولسۇن، ئۇلار سۇغا چۈشكەندە ھەمىسى ئوخشاش بىر قانۇنىيەت − ئارخىمېد قانۇنىغا بويسۇنىدۇ. بۇنى تەجرىبە ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. ئاۋۋال تاشما تۇرۇبىلىق قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، قاچىغا سۇنى تاشما تۇرۇبىنىڭ ئېغىزىغا كەلگۈچە قۇيۇپ، ئالدى بىلەن بىر پارچە تاشنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيمىز (بۇ ئېغىرلىق ئەمەلىي ئېغىرلىق دەپ ئاتىلىدۇ)، ئاندىن كېيىن تاشنىڭ بىر قىسمىنى سۇغا ئاستا - ئاستا چىلىساق، بۇ چاغدا ئۆلچەنگەن تاش ئېغىرلىقى (بۇ كۆرۈنمە ئېغىرلىق دەپ ئاتىلىدۇ) نىڭ كىچىكلەپ قالغانلىقىنى بايقىيالايمىز. بۇ، تاشنىڭ يۇقىرىغا يۆنەلگەن كۆتۈرۈپ تۇرۇش كۈچىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ لەيلىتىش كۈچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاندىن يەنە تاش سىقىپ چىقارغان تاشما تۇرۇبىدىن ئىستاكانغا ئېقىپ چۈشكەن سۇنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىسەك، ئىستاكاندىكى سۇ ئېغىرلىقىنىڭ دەل تاشنىڭ كېمەيگەن ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ، لەيلىتىش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى جىسىم سىقىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇ قانۇن بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، يوپۇرماق سۇدا ئۇچرىغان لەيلىتىش كۈچى ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدۇ. تاش ئۇچرىغان لەيلىتىش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى تاشنىڭ ئۆز ئېغىرلىقىدىن كىچىك بولىدۇ، شۇڭا يوپۇرماق لەيلەيدۇ، تاش چۆكۈپ كېتىدۇ. ھەربىي پاراخوتنىڭ ھەجمى چوڭ بولغاچقا، ئۇ ئۇچرىغان لەيلىتىش كۈچى ئۇنىڭ ئۆز ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدۇ، شۇڭا دېڭىزدا ئەركىن يۈرەلەيدۇ.
بۇ قانۇن گازلارغىمۇ ئوخشاشلا مۇۋاپىق كېلىدۇ. جىسىملارنىڭ ھاۋادا ئۇچرايدىغان لەيلىتىش كۈچى سۇدا ئۇچرايدىغان لەيلىتىش كۈچىدىن كۆپ كىچىك بولىدۇ، مەسىلەن، لىق سۇ تولدۇرۇلغان ۋاننىدا يۇيۇنغان چېغىڭىزدا، قولىڭىز بىلەن ۋاننا تېگىنى ئاستىراق ئىتتىرىپ قويسىڭىز، پۈتۈن بەدىنىڭىز ئاسانلا كۆتۈرۈلۈپ سۇنىڭ لەيلىتىش كۈچىنى ھېس قىلالايسىز. يەر يۈزىدە قولىڭىز بىلەن بەدىنىڭىزنى كۆتۈرۈشىڭىز ئاسانغا توختىمايدۇ.
جىسىم ئۇچرىغان لەيلىتىش كۈچى سۇيۇقلۇق، گازلارنىڭ زىچلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇلارنىڭ زىچلىقى قانچە چوڭ بولسا، جىسىم ئۇچرايدىغان لەيلىتىش كۈچىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئوخشاش بىر پارچە تاشنىڭ سۇدا ئۇچرايدىغان لەيلىتىش كۈچى ئىسپىرتتا ئۇچرايدىغان لەيلىتىش كۈچىدىن چوڭ بولىدۇ. چۈنكى، سۇنىڭ زىچلىقى ئىسپىرتنىڭ زىچلىقىدىن چوڭ. ئوتتۇرا دېڭىزغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى بار بولۇپ، بۇ ئۆلۈك دېڭىز (شور دېڭىز) دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يەردىكى سۇ ئالاھىدە تۇزلۇق بولۇپ تۇز مىقدارى %23~%25 بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆلۈك دېڭىزدىكى سۇنىڭ زىچلىقى ئادەم بەدىنىنىڭ زىچلىقىدىن كۆپلەپ ئېشىپ كېتىدۇ. ئادەم ئۆلۈك دېڭىزدا سۇ ئۈزسە، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىش بۇياقتا تۇرسۇن، يەنە سۇدا يېتىپ تۇرۇپ بىمالال كىتاب ئوقۇسا بولىدۇ.