سۇبلىماتسىيە ۋە قېتىشىش
فىزىكا بىلىملىرى
كىيىم ئىشكاپتىكى قۇرت چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان نافتالىن (كامفورا كۇمىلىچى) بىرنەچچە ئايدىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نافتالىن يوقاپ كەتمەيدۇ، كىيىم ئىشكاپىنى ئاچسىڭىز، بىر خىل ئۆتكۈر پۇراقنى پۇرايسىز، بۇ ئەسلىدىكى نافتالىننىڭ گازغا ئايلىنىشىدىن ئىبارەت.
سۇيۇقلۇق ھورلىنىش ئارقىلىق ئاندىن گازغا ئايلىنىدۇ. نافتالىن بولسا قاتتىق جىسىم، ئۇنداقتا ئۇ نېمە ئۈچۈن بىۋاسىتە گازغا ئايلىنالايدۇ؟ كۆپچىلىككە مەلۇم، قاتتىق جىسىم مولېكۇلىلىرىنىڭ تىزىلىشى تەرتىپلىك بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى مولېكۇلىلار پەقەت ئەسلىدىكى ئورنى ئەتراپىدىلا تەرتىپسىز تەۋرىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما، قاتتىق جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىدە ھامان تېزلىكى چوڭ بولغان بەزى مولېكۇلىلار بولۇپ، ئۇلار قوشنا باشقا مولېكۇلىلارنىڭ تارتىشىدىن قۇتۇلۇپ، قاتتىق جىسىمنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىپ، گاز مولېكۇلىلىرىغا ئايلىنىدۇ. كۆپلىگەن قاتتىق جىسىم ماددىلىرىدىن پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىلا گازغا ئايلىنىپ قېچىپ كېتىدۇ، ئەمما نافتالىن ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ھەممىسى گازغا ئايلىنىپ كېتەلەيدۇ. نافتالىن مولېكۇلىلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا ھاۋاغا ئۇچۇپ چىقىپ، ئىشكاپنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاپ، قۇرت چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
ماددىنىڭ قاتتىق ھالەتتىن بىۋاسىتە گاز ھالەتكە ئايلىنىش جەريانى سۇبلىماتسىيە (بىۋاسىتە ھورلىنىش) دەپ ئاتىلىدۇ. قىشتا، ئۆي سىرتىغا يېيىپ قويۇلغان ھۆل كىيىمدىكى سۇلار مۇز بولۇپ قاتىدۇ. ئەمما، مۇز قاتقان ھۆل كىيىممۇ قۇرۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كىيىمدىكى مۇز بىۋاسىتە ھالدا سۇبلىماتسىيىلىنىپ (بىۋاسىتە ھورلىنىپ) سۇ ھورىغا ئايلىنىپ ئۇچۇپ كېتىدۇ.
گازمۇ بىۋاسىتە قاتتىق جىسىمغا ئايلىنالايدۇ، ماددىنىڭ گاز ھالەتتىن بىۋاسىتە قاتتىق ھالەتكە ئايلىنىش جەريانى قېتىشىش دەپ ئاتىلىدۇ. قىش كۈنلىرى سەھەردە بارلىققا كېلىدىغان قىرو بولسا ھاۋادىكى سۇ ھورلىرىنىڭ بىۋاسىتە كرىستاللىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ؛ زىمىستان قىش كېچىسى دېرىزەئەينەكلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت مۇز گۈللىرى قاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەينەكنىڭ تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئۆي ئىچىدىكى سۇ ھورلىرى بىۋاسىتە قېتىشىشتىن شەكىللىنىدۇ.
ئۇزاق ئىشلىتىلگەن لامپۇچكا قارىيىپ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ۋولفرام سىمدىن توك ئۆتكەندە تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ - دە، ۋولفرام مولېكۇلىلىرى ناھايىتى ئاسانلا قېچىپ چىقىپ، سۇبلىماتسىيە (بىۋاسىتە ھورلىنىش) ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. بۇ ۋولفرام گازلىرى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك بولغان لامپۇچكا دىۋارىغا سوقۇلۇپ يەنە بىۋاسىتە قېتىشىشنى ھاسىل قىلىپ، لامپۇچكا دىۋارىغا يېپىشىپ قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن لامپۇچكا قارىيىپ قالىدۇ.