UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئىش ئىشلەش ۋە ئېنېرگىيە

ئىش ئىشلەش ۋە ئېنېرگىيە

فىزىكا بىلىملىرى ئىش ئىشلەش فىزىكىدا ئالاھىدە مەنىگە ئىگە. ئادەم ھارۋىنى ئىتتىرگەندە، ھارۋىغا ئالدىغا قارىتا بىر ئىتتىرىش كۈچىنى چۈشۈرىدۇ، ھارۋا كۈچنىڭ تەسىرىدە بىر بۆلەك ئارىلىق ئىلگىرىلەيدۇ. پەقەت مۇشۇنداق ئەھۋالدىلا، فىزىكىدا ئاندىن ئادەم ھارۋىغا قارىتا ئىش ئىشلىدى، دەپ قارىلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكەن كۈچ قانچە چوڭ، يۆتكەلگەن ئارىلىق قانچە ئۇزۇن بولسا، كۈچ تەسىرىنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە روشەن بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىشلىگەن ئىشى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. كۈچ ۋە كۈچنىڭ يۆنىلىشىدە يۆتكەلگەن ئارىلىق ئىش ئىشلەشنىڭ ئىككى ئامىلى بولۇپ، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. يەردىن چېلەكنى كۆتۈرگىنىڭىزدە، چېلەك كۈچ تەسىرىدە يۇقىرىغا بىر بۆلەك ئارىلىق يۆتكىلىدۇ - دە، چېلەككە قارىتا ئىش ئىشلىگەن بولىسىز. ئەگەر قولىڭىزدا چېلەكنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قوزغالمىسڭىز، گەرچە كۈچ ئىشلەتكەن بولسىڭىزمۇ، ئەمما چېلەك بەلگىلىك ئارىلىققا يۆتكەلمىسە، پەقەتلا كۈچ سەرپ قىلىپ، چېلەككە قارىتا ئىش ئىشلىمىگەن بولىسىز، مانا بۇ «جاپا چېكىپ ئەمگەك قىلىپمۇ خىزمەت كۆرسىتەلمەسلىك» دېيىلىدۇ. بۇ يەردە قولدا چېلەكنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قوزغالماسلىق بىلەن چېلەكنى ئىلمەككە ئىلىپ قويۇشنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. ئىش ئىشلەش ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرايدىغان ھادىسە. ئادەملەرلا ئىش ئىشلەپ قالماستىن، ھەرىكەتتىكى جىسىملارمۇ ئىش ئىشلىيەلەيدۇ. يانتۇ تەكشىلىكتىن دومىلاپ چۈشكەن پولات ساقا ياغاچ پارچىسىغا سوقۇلسا، ياغاچ پارچىسىنى بىر بۆلەك ئارىلىققا ئىتتىرىدۇ؛ ئۇچۇۋاتقان ئوق جىسىمنى تېشىۋېتەلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پولات ساقا ۋە ئوقنىڭ قارشىلىق كۈچنى يېڭىپ ئىش ئىشلىشىنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. ئېگىز كۆتۈرۈلگەن جىسىملارمۇ ئىش ئىشلىيەلەيدۇ، يەل بازغان ئېگىز جايدىن چۈشۈپ، ياغاچ قوزۇقنى يەر ئاستىغا كىرگۈزۈۋېتىدۇ؛ يۇقىرى بوشلۇقتىن چۈشكەن مۆلدۈر ئىش ئىشلەش سەۋەبىدىن ئېتىزدىكى زىرائەتلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. شەكلى ئۆزگەرگەن پۇرژىنىمۇ ئىش ئىشلىيەلەيدۇ، سائەتتىكى بۇراپ چىڭىتىلغان پۇرژىنا ئاستا - ئاستا بوشىشىپ، ئىسترېلكىنى توختىماي ھەرىكەتلەندۈرۈپ، چىك - چىك قىلىپ ماڭدۇرۇپ تۇرىدۇ. بىر جىسىم ئىش ئىشلىيەلىسە، ئۇ ئېنېرگىيىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. ئېنېرگىيىسى چوڭ جىسىمنىڭ ئىش ئىشلەش ئىقتىدارىمۇ چوڭ بولىدۇ. شامال ئېنېرگىيىگە ئىگە، كىشىلەر شامالدۇرغۇچ ئورنىتىپ، شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىش ئىشلەيدۇ. چاڭجياڭ، خۇاڭخې دەريالىرىنىڭ سۇ ئېقىمى تۆۋەنگە تېز ئېقىپ چۈشىدىغانلىقتىن، چوڭ ئېنېرگىيە ساقلىنىپ تۇرغان بولىدۇ، كىشىلەر توسما ياساپ، سۇ تۇربىلىرىنى ئورنىتىپ، ئېگىزدىن چۈشكەن سۇ ئارقىلىق سۇ تۇربىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق گېنېراتورلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ توك چىقىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى