UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىكۆزەينەك ھەققىدىكى ئىلىم

كۆزەينەك ھەققىدىكى ئىلىم

فىزىكا بىلىملىرى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكى، ياشانغانلارنىڭ كۆز تورلىشىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كۆزەينەكنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەمنىڭ كۆزى بىر ئاپتوماتىك فوتو ئاپپاراتقا ئوخشايدۇ. كۆز گۆھىرى بىر دانە كۆپۈنگۈ لىنزىغا تەڭداش كېلىدۇ، ئۇ سىرتقى مۇھىتتىكى جىسىمدىن كەلگەن نۇر دەستىلىرىنى كۆرۈش تور پەردىسىگە يىغىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسى نۇر سەزگۈچى بەزى مۇستەقىل ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ، ئۇ فوتو ئاپپاراتتىكى نېگاتىپ (دىبەن) قا تەڭداش كېلىدۇ. تەسۋىر نۇقتىلىرىدىكى نۇر نۇر سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرگە چۈشۈپ، ئۇلارنى قوزغىتىپ، كۆرۈش نېرۋىسى ئارقىلىق سىگناللار چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىپ، كۆرۈش سېزىمى ھاسىل قىلىنىدۇ. يىراق - يېقىنلىقى ئوخشاش بولمىغان جىسىملارغا قارىتا، كۆز، كۆز گۆھىرى ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنىڭ يىغىلىشى ياكى بوشىشى ئارقىلىق كۆز گۆھىرىنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى بىلەن قېلىن - نېپىزلىقىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ جىسىمنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدە ئېنىق تەسۋىرنىڭ ھاسىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر ئادەمنىڭ كۆزىدە بەزى ئوپتىكىلىق نۇقسانلار مەۋجۇت بولۇپ، كۆرۈش دائىرىسىدىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمىسە، كۆزەينەك ئارقىلىق ئوڭشاش كېرەك. كۆزلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئوپتىكىلىق نۇقسان يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە يېقىننى كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت، مېدىتسىنادا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ نۇر سۇندۇرۇش توغرا بولماسلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل نۇقسان كۆز گۆھىرىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ نورمال كۆزنىڭكىدىن ئارتۇقچە چوڭ ياكى ئۇنىڭكىگە يەتمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ، نەتىجىدە جىسىمنىڭ تەسۋىرى كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە ھاسىل بولۇپ، كۆرۈش تور پەردىسىدە ئېنىق تەسۋىر بولماي قالىدۇ. بۇنى ئوڭشاش ئۇسۇلى مۇنداق: پېتىنغۇ ياكى كۆپۈنگۈ لىنزىدىن كۆزەينەك ياساپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئارتۇقچە چوڭ بولغان نۇر سۇندۇرۇش قابىلىيىتىنى يېيىشتۈرۈۋېتىش ياكى يېقىننى كۆرەلمەسلىكنىڭ نۇر سۇندۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ يېتىشسىزلىكىنى تولۇقلاپ، ئۇلارنى ئەڭ ئاخىر كۆرۈش تور پەردىسىدە جىسىمنىڭ ئېنىق تەسۋىرىنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. ھازىر كىشىلەر بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان كۆزەينەكلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بالىلار ئىشلىتىدىغان كۆزەينەكلەر ئۈچۈن خىمىيىلىك كۈچەيتىلگەن كۆزەينەك پلاستىنكىلىرى قوللىنىلىدۇ، بۇلار يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ ئاسانلىقچە سۇنۇپ كەتمەيدۇ. شوپۇرلار ئىشلىتىدىغان كۆزەينەكلەرنىڭ سېرىق رەڭلىك ئەينەك پلاستىنكىسىغا بىر قەۋەت كۈمۈش پەردىسى يالىتىلىدۇ، ئادەتتە ئۇنى تاقىغاندا كۆرۈش دائىرىسى ئوچۇق بولىدۇ، كۈچلۈك نۇرنىڭ كۆزنى قاماشتۇرۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. كۆزى تورلىشىدىغانلار تاقايدىغان كۆزەينەك بىلەن يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار تاقايدىغان كۆزەينەكنىڭ قوش رولىنى ئوينايدىغان بىر خىل سۇيۇق كرىستاللىق كۆزەينەك بولۇپ، ئۇنىڭدا سۇيۇق كرىستاللىق لىنزىنىڭ ئېلېكتر بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىلىدۇ، ئۇنىڭدا بىر كۇنۇپكا ئارقىلىقلا يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار تاقايدىغان كۆزەينەك ياكى كۆزى تورلىشىدىغانلار تاقايدىغان كۆزەينەككە تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يەنە بىر خىل رەڭگى ئۆزگىرىشچان كۆزەينەك بار بولۇپ، نۇر كۈچلۈك بولغاندا ئاپتوماتىك ھالدا خىرەلىشىپ، نۇر نورمال بولغاندا يەنە ئەسلىدىكى رەڭسىز سۈزۈك ھالىتىگە كېلىدۇ. ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى نېپىز پەردىلىك كۆزەينەك بولۇپ، يوشۇرۇن شەكىللىك كۆزەينەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا كۆزەينەك جازىسى ئىشلىتىلمەيدۇ، ئۇ كۆزنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىگە بىۋاسىتە چاپلىنىدۇ، ئۇ ھەم كىشىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىدىكى نۇقساننى ئوڭشايدۇ، ھەم يامغۇر سۇلىرى، ھورلارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدۇ، شۇنداقلا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگىمۇ تەسىرى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
كۆزەينەك ھەققىدىكى ئىلىم | UyghurWiki | UyghurWiki