بىخەتەرلىك رەڭ بەلگىسى
فىزىكا بىلىملىرى
قاتناشقا قوماندانلىق قىلىنىدىغان قىزىل، يېشىل چىراغلاردىن نېمە ئۈچۈن قىزىل رەڭدىكىسى ئارقىلىق توختاش، مەنئى قىلىشنى، يېشىل رەڭدىكىسى ئارقىلىق تىنچ ۋە بىخەتەرلىكنى، سېرىق رەڭدىكىسى ئارقىلىق خەتەرلىك، دىققەت قىلىڭ دېگەنلەر ئىپادىلىنىدۇ؟
ئەسلىدە، ئادەم كۆزىنىڭ ئوخشىمىغان رەڭلەرگە بولغان كۆرۈش ئىنكاسى ۋە ئادىتى ئوخشاش بولمايدۇ. يېشىل رەڭ كىشىلەرگە ھامان يېقىملىق، راھەت تۇيغۇسىنى بېرىپ، مەركىزىي نېرۋىنىڭ غىدىقلىنىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ. يېشىل رەڭلىك تام ۋە دېرىزە پەردىلىرى يېقىملىق بولۇپ، كۆزنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. سېرىق رەڭ ۋە قىزىل رەڭ ئادەمگە ئىللىقلىق تۇيغۇسىنى بېرىپ، ئادەمنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆك رەڭ تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئادەمنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ قوڭۇر رەڭ قان بېسىمى تۆۋەن ئادەملەرنىڭ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ؛ سۆسۈن (بىنەپشە) رەڭ ئېغىرئاياغ ئاياللارغا تەسەللى بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىلىملەرگە ئاساسەن، كىشىلەر بەزى ئۆزگىچە رەڭلىك بەلگىلەرنى بېكىتىپ، كىشىلەرگە قانداق قىلىش كېرەكلىكى ۋە نېمىنى قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن، مانا بۇ بىخەتەرلىك رەڭ بەلگىسىدۇر. مەملىكىتىمىز مەنئى قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش، ئوت ئۆچۈرۈش، مەجبۇرلاش ۋە بىخەتەرلىك ئۇچۇرى قاتارلىق بەش تۈرلۈك رەڭ بەلگىسىنى بېكىتىپ، قىزىل، سېرىق، يېشىلدىن ئىبارەت بىخەتەرلىك رەڭلىرىنىڭ مەنىسى ۋە ئىشلىتىلىشى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى.
قىزىل، يېشىل چىراغلار يەنە تېخىمۇ مۇھىم ئوپتىكىلىق پرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىزگە مەلۇم، قۇياش نۇرى قىزىل، قىزغۇچ سېرىق (كاۋا چېچىكى رەڭ)، سېرىق، يېشىل، كۆك، ھاۋا رەڭ (نىل) ۋە سۆسۈن (بىنەپشە) دىن ئىبارەت يەتتە خىل رەڭلىك نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرى ئۆزئارا ئوخشىمايدۇ، شۇڭلاشقا، تارقىلىش جەريانىدىكى تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، قىزىل نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، ئۇ كىچىك مىكرو دانچىلەر − يامغۇر تامچىلىرى، چاڭ - توزان، تۇمان دانچىلىرى قاتارلىقلارنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ؛ سۆسۈن (بىنەپشە) نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئەڭ قىسقا بولۇپ، تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كىچىكرەك بولىدۇ. قۇياش نۇرى كىچىك مىكرو دانچىلەرگە چۈشكەندە، چېچىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولمىغان نۇرلارنىڭ چېچىلىش ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقىراق بولغان نۇر، مەسىلەن، سۆسۈن (بىنەپشە) نۇر ۋە كۆك نۇر قاتارلىقلار ناھايىتى ئاسانلا چېچىلىپ كەتكەچكە، مىكرو دانچىلەردىن ئايلىنىپ ئۆتەلمەيدۇ؛ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئۇزۇنراق بولغان قىزىل نۇر ئاسانلىقچە چېچىلمايدۇ، شۇڭا سۇس تۇمانلىق كۈنلەردە قۇياش بىزگە قىزىل كۆرۈنىدۇ.
يامغۇر ياغقان، تۇمان قاپلىغان ۋە بوران چىققان كۈنلەردە، كىشىلەر يەنىلا تاشيولدىكى قىزىل، يېشىل چىراغلارنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇن قاتناش ھادىسىلىرى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.