UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىرەڭلىك بېنزىن ۋە يورۇقلۇقنىڭ ئىنتېرفېرېنسىيىسى

رەڭلىك بېنزىن ۋە يورۇقلۇقنىڭ ئىنتېرفېرېنسىيىسى

فىزىكا بىلىملىرى يامغۇر يېغىپ كۈن ئېچىلغاندا، ئاپتوموبىل سۇ يىغىلىپ قالغان ئاسفالت يولدىن ئۆتكەندە، پارچە - پارچە ماي پەردىلىرى شەكىللىنىدۇ - دە، قۇياش نۇرىدا چىرايلىق رەڭلەر شەكىللىنىدۇ. ئەسلىدە رەڭسىز سۈزۈك بېنزىن قانداق قىلىپ رەڭلىك بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنى يورۇقلۇقنىڭ ئىنتېرفېرېنسىيىلىنىش ھادىسىسى شەكىللەندۈرگەن. تىپتىنچ كۆلگە بىر پارچە تاشنى تاشلىغاندا، سۇ يۈزىدە ھالقىسىمان مەيىن دولقۇنلار ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر ئوخشاش ئېگىزلىكتىن بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ئىككى پارچە تاشنى تاشلىساق، ئۇلار قوزغىغان سۇ دولقۇنلىرى ئۇچراشقاندا، دولقۇنلىنىش ئەھۋاللىرىدا ئانچە ئوخشاشماسلىق بولىدۇ، ئىككى يۈرۈش سۇ دولقۇنى ئۇچراشقان دائىرىدە سۇ يۈزلىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. بەزى جايلاردىكى سۇ يۈزى ئالاھىدە ئېگىز، يەنە بەزى جايدىكى سۇ يۈزى ئالاھىدە تۆۋەن بولىدۇ. سۇ يۈزى خۇددى چىرايلىق بىر نەقىش نۇسخىغا ئوخشايدۇ: مەركىزىدىن سىرتقا قارىتا مەركەزداش ئېگىز - پەسلىكى ئارىلاپ كەلگەن چەمبەرسىمان ھالقىلار ھاسىل بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرسىمان ئېگىز - پەسلىكى ئارىلاپ كەلگەن تىلىمچىلەر بارلىققا كېلىدۇ. ئىككى يۈرۈش سۇ دولقۇنى ئۆزئارا ئۇچراشقاندىن كېيىنكى قاتلىنىش ئەھۋالى فىزىكىدا سۇ دولقۇنلىرىنىڭ ئىنتېرفېرېنسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئوخشاشلا، ئىككى يۈرۈش يورۇقلۇق دولقۇنى ئۇچراشقاندىمۇ ئىنتېرفېرېنسىيە ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان ماي پەردىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ قېلىنلىقى ئوخشاش بولمايدۇ. نۇرلار ماي پەردىسىگە چۈشكەندە، ئۇنىڭ بىر قىسمى ماي پەردىسىنىڭ سىرتقى يۈزى تەرىپىدىن قايتۇرۇلىدۇ، يەنە بىر قىسمى ماي پەردىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىپ، ماي پەردىسىنىڭ ئاستىدىكى سۇنىڭ سىرتقى يۈزىدىن قايتىدۇ. قۇياش نۇرى قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل، كۆك، ھاۋا رەڭ (نىل) ۋە سۆسۈن (بىنەپشە) دىن ئىبارەت يەتتە خىل رەڭلىك نۇردىن تەشكىل تاپقان مۇرەككەپ نۇردىن ئىبارەت. ئۇ ماي پەردىسىنىڭ ئالدى ۋە كەينى يۈزىدىن قايتقاندا ئۇچرىشىپ ئىنتېرفېرېنسىيە ھادىسىسى يۈز بېرىپ، بەزى نۇرلار ئۆزئارا كۈچىيىدۇ، بەزى نۇرلار ئۆزئارا ئاجىزلىشىدۇ، ھەتتا پۈتۈنلەي يېيىشىپ كېتىدۇ. كۈچىيىش ياكى ئاجىزلىشىش يورۇقلۇق دولقۇنلىرىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ۋە نېپىز پەردىنىڭ قېلىنلىقىغا باغلىق بولىدۇ. ماي پەردىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ قېلىنلىقى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قۇياش نۇرىدىكى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولمىغان يەككە (ساپ) رەڭلىك نۇرلار قېلىنلىقى ئوخشاش بولمىغان جايلارغا چۈشكەندە، بەزىلىرى كۈچىيىدۇ، بەزىلىرى ئاجىزلىشىدۇ، ھەتتا ئۆزئارا يېيىشىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ماي پەردىسىنىڭ بەزى جايلىرى قىزىلراق، بەزى جايلىرى كۆكرەك كۆرۈنۈپ، چىرايلىق رەڭلەر بارلىققا كېلىدۇ. ماي پەردىسىلا يورۇقلۇقلارنىڭ ئىنتېرفېرېنسىيىسىنى ھاسىل قىلىپلا قالماي، نۇرلار ھەرقانداق سۈزۈك نېپىز پەردىگە چۈشكەندە، ھەممىسىدە بۇ خىل ھادىسە يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن، سوپۇن ماغزىپى كۆپۈكچىسى، يىڭناغۇچ ياكى چىۋىنلەرنىڭ قاناتلىرى قۇياش نۇرىدا رەڭگارەڭ كۆرۈنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى