UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىيالتىراق قوڭغۇز ۋە سوغۇق نۇر

يالتىراق قوڭغۇز ۋە سوغۇق نۇر

فىزىكا بىلىملىرى يالتىراق قوڭغۇز ياز كۈنلىرى كېچە - ئاخشامدا چىقارغان نۇرى قۇياش نۇرى ۋە ھەر خىل ئېلېكتر لامپىلىرى چىقارغان نۇرغا ئوخشىمايدۇ. قۇياش يادرو يىغىلىشقا تايىنىپ يورۇقلۇق چىقىرىدۇ. ئېلېكتر لامپىسى توكنىڭ لامپا قىلىنى قىزىتىشىغا تايىنىدۇ، لامپا قىلى يورۇقلۇق چىقىرىش بىلەن بىرۋاقىتتا، ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىسسىق يورۇقلۇق مەنبەسى دېيىلىدۇ. يالتراق قوڭغۇز چىقارغان نۇر (يورۇقلۇق) يالتىراق قوڭغۇز تېنىدىكى بىرقاتار ئالاھىدە خىمىيىلىك رېئاكسىيىلەردىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇ خىمىيىلىك ئېنېرگىيىنى %100 بويىچە يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسسىقلىق چىقارمايدۇ، شۇڭا سوغۇق نۇر مەنبەسى دەپ ئاتىلىدۇ. يالتىراق قوڭغۇزنىڭ ئالاھىدە رولى ئۇنىڭ تېنىدىكى فلۇئۇرېسسېئىن (يالتىراق يورۇقلۇق ئامىلى)، يالتىراق نۇر فېرمېنتى ۋە ئوكسىگېننىڭ ئۆزئارا تەسىرىنىڭ نەتىجىسىدىن كېلىدۇ. يالتىراق نۇر فېرمېنتى بىر خىل ئاقسىل بولۇپ، يورۇقلۇق چىقىرىشىنىڭ كاتالىزاتورى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرىدە، فلۇئۇرېسسېئىن ئوكسىگېن بىلەن خىمىيىلىك رېئاكسىيىلىشىپ، ئوكسىدلانغان فلۇئۇرېسسېئىن شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىمىيىلىك رېئاكسىيىدە، ھەربىر فلۇئۇرېسسېئىن مولېكۇلىسىنى ئوكسىدلىغاندا بىر فوتوننى چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن رېئاكسىيىدە ھاسىل بولغان ئېنېرگىيىنىڭ ھەممىسى نۇر شەكلىدە قويۇپ بېرىلىدۇ. تەبىئەتتە نۇر (يورۇقلۇق) چىقىرىدىغان جانلىقلار ناھايىتى كۆپ. بىر خىل قاسراقلىق ھايۋان، مەسىلەن، قوڭغۇز تىپىدىكى ھاشاراتلار بولۇپ، ئۇلار قۇرغاق ھالەتتىن نەملەشكەندە، يالتىراق نۇر چىقىرىدۇ.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا، ياپونىيە ئەسكەرلىرى كۈچلۈك لامپا يورۇقلۇقىنىڭ خەتىرى چوڭ بولىدۇ، دەپ قاراپ، قۇرغاق قوڭغۇزنىڭ ئۈستىگە ئازراق تۈكۈرۈپ قويغاندا، ئۇ چىقارغان نۇر بىر ۋاراق خەرىتىنى كۆرۈۋېلىشقا يەتكەن. جانلىقلارنىڭ نۇر چىقىرىش كۈچى كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ يېڭى يورۇقلۇق (نۇر) مەنبەسىنى تەتقىق قىلىشىغا مۇھىم ئىلھام بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى