خۇپاۋ بۇلىقى سۈيى ۋە سىرتقى يۈزلۈك كېرىلىش كۈچى
فىزىكا بىلىملىرى
خاڭجۇ شەھىرى خۇپاۋ بۇلىقى چايخانىسىدا، بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەر مۇلازىمەتچى خادىملار ئورۇندىغان نومۇرلارنى قىزىقىش بىلەن كۆرمەكتە. ئۈستەل ئۈستىگە خۇپاۋ بۇلىقى سۈيى تولدۇرۇلغان بىر قاچا قويۇلغان بولۇپ، مۇلازىمەتچى خادىم تەڭگە پۇلنى قاچىغا يەڭگىل تاشلاپ چۈشۈردى. ئۇ بىر دەم ئېلىش بىلەنلا ئارقا - ئارقىدىن بىرنەچچە تەڭگە پۇلنى ئېتىپ چۈشۈردى، سۇ يۈزى قاچا قىرىدىن خېلى ئېگىز چىقىپ قالغانىدى، ئەمما سۇ تېشىپ چىقمىغان. بۇلارنى كۆرگەن ساياھەتچىلەر ھەيران قېلىشىپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. خۇپاۋ بۇلىقى سۈيىنىڭ تولۇپ كەتسىمۇ تاشماسلىقىنىڭ سەۋەبى سۇدا كۆپ خىل مىنېرال ماددىلار بولۇپ، سۇنىڭ سىرتقى يۈزلۈك كېرىلىش كۈچىنىڭ ئالاھىدە چوڭ بولغانلىقىدا.
ئەسلىدە، سۇيۇقلۇقنىڭ سىرتقى يۈز قەۋىتىدىكى مولېكۇلىلارنىڭ جايلىشىشى ئىچكى قىسمىدىكىدىن شالاڭ بولغاچقا، مولېكۇلىلار ئارىسىدىكى تارتىشىش كۈچى بىلەن تېپىشىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تېپىشىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى كۆپرەك، شۇڭا سىرتقى يۈز قەۋىتىدىكى مولېكۇلىلار ئارىسىدا ئۆزئارا تارتىشىش كۈچى مەۋجۇت، بۇ خىل تارتىشىش كۈچى سىرتقى يۈزلۈك كېرىلىش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ سۇيۇقلۇق يۈزىدە بىر قەۋەت ئېلاستىك نېپىز پەردە شەكىللەندۈرىدۇ. بىر تال پاكىز يىڭنىنى سۇ يۈزىگە ئاستا قويساق، سۇ يۈزىنىڭ بۇ بىرقەۋەت ئېلاستىك نېپىز پەردىسى يىڭنىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ - دە، يىڭنە چۆكۈپ كەتمەيدۇ.
سىرتقى يۈزلۈك كېرىلىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە، سۇيۇقلۇق يۈزى ھامان مۇمكىنقەدەر يىغىلىپ كىچىكلەيدۇ. مەسىلەن، ئىنچىكە تۆمۈر سىمدىن بىر دۈگىلەك ھالقا (رامكا) ياساپ، ئوتتۇرىسىغا بىر تال پاختا يىپنى بوشراق چىگىپ، تۆمۈر ھالقىنى سوپۇن ماغزىپىغا چىلاپ چىقىرىۋالغاندا، ھالقىدا چىڭ تارتىلغان بىر قەۋەت سوپۇن ماغزىپى نېپىز پەردىسى شەكىللىنىدۇ. ئەگەر يىڭنە ئارقىلىق پاختا يىپنىڭ سول تەرىپىدىكى نېپىز پەردىنى تېشىپ قويسا، سىرتقى يۈزلۈك كېرىلىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئوڭ ياقتىكى نېپىز پەردە يىغىلىپ، چىڭ تارتىلغانغا قەدەر، پاختا يىپ ئوڭغا ئېگىلىپ ياي شەكىلنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر ئوڭ يېقىدىكى نېپىز پەردىنى تېشىۋەتسە، پاختا يىپ سولغا ئېگىلىپ، ياي شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. يەنە مىسالغا ئالساق، سۇ تامچىسى نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە، ئەگەر نېلۇپەر يوپۇرمىقى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلمىسە، سۇ تامچىسىنىڭ سىرتقى يۈزى مۇمكىنقەدەر يىغىلىپ كىچىكلەپ، ئاخىر يىغىلىپ شار شەكلىگە كېلىپ، خۇددى پارقىراپ تۇرغان مەرۋايىتتەك بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سۇ تامچىسى ئادەتتىكى بىر ۋاراق قەغەزگە تېمىتىلسا، سۇ تامچىسى بىلەن قەغەزنىڭ تېگىشكەن قىسمىنىڭ ئېلاستىك پەردىسى بۇزۇلىدۇ - دە، سۇ تامچىسى قەغەزنى ھۆل قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەگەر سۇ موملانغان قەغەزگە تېمىتىلسا، ئەھۋال نېلۇپەر يوپۇرمىقىدىكىگە ئوخشاش بولىدۇ.