UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئىنېرتسىيىنىڭ تەسىرى

ئىنېرتسىيىنىڭ تەسىرى

فىزىكا بىلىملىرى بېيجىڭلىق بىر ئوقۇغۇچى ئىلگىرى شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنىڭ مۇنداق بىر ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان: شامال چىقمىغان بىر كۈننى تاللاپ، بېيجىڭدا گاز شارىغا ئولتۇرۇپ يەر يۈزىدىن يۇقىرى بوشلۇققا ئۆرلەپ چىقىپ، يەر شارىنىڭ غەربتىن شەرققە قارىتا ئايلىنىشى سەۋەبىدىن، ئۇ يۇقىرى بوشلۇقتا تۇرۇپ تۆۋەندىكى يەر - زېمىننىڭ شەرققە يۆتكىلىشىگە قاراپ تۇرۇپ، يەر شارى شىنجاڭنى ئايلاندۇرۇپ پۇتىنىڭ ئاستىغا كەلتۈرگەندە، دەرھال تۆۋەنگە چۈشسىلا شىنجاڭغا كېلىپ قالغۇدەك. ئەلۋەتتە، بۇ خىيالنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بۇ يەردە «ئىنېرتسىيە» نىڭ پرىنسىپى بار. ئەمدى بىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەزى ھادىسىنى قىياس قىلىپ كۆرەيلى: ئەگەر بىرەيلەن يۇقىرى تېزلىكتە تۈز سىزىق بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقان پويىز ۋاگونى ئىچىدە يۇقىرىغا سەكرىسە، يەنە ئەسلىدىكى جايىغا چۈشەمدۇ؟ ئېھتىمال بەزىلەر مۇنداق ئويلىشى مۇمكىن: ئادەم بوشلۇقتا بولغان مۇشۇ بۆلەك ۋاقىت ئىچىدە پويىز بىر بۆلەك ئارىلىق ئىلگىرىلەيدۇ، شۇڭا چۈشكەن ئورنى ئەسلىدىكى ئورنىنىڭ كەينىدە بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، مۇنداق بولمايدۇ، كېتىۋاتقان پويىز ۋاگونىدىكى يۇقىرىغا سەكرىگەن ئادەم يەنىلا ۋاگوندىكى ئەسلىي ئورنىغا چۈشىدۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە تەبىئەتتىكى ھەرقانداق جىسىم بىر خىل خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ، ئىنېرتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنېرتسىيە تۈپەيلىدىن، جىسىملار ھامان ئەسلىدىكى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ. ئادەم كېتىۋاتقان پويىز ۋاگونىدا تۇرغاندا، پويىز بىلەن ئوخشاش تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇ يۇقىرىغا سەكرىگەندە، ئىنېرتسىيە تۈپەيلىدىن، يەنىلا ئەسلىدىكى تېزلىكىنى ساقلاپ پويىز بىلەن بىللە ئىلگىرىلەيدۇ، شۇڭا ئۇ يەنىلا سەكرىگەندىكى ئەسلىي ئورنىغا چۈشىدۇ. ئوخشاشلا، ئادەم ئولتۇرغان گاز شارى ئايلىنىۋاتقان يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىنېرتسىيە تۈپەيلىدىن، ئادەم بىلەن گاز شارى يەنىلا يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى بويىچە ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇڭلاشقا يەنىلا ئەسلىدە كۆتۈرۈلگەن جايىغا چۈشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىدىن پايدىلىنىپ ئۇزۇن مۇساپىلىك ساياھەت قىلىش خىيالى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى