ئاۋاز تارقىتىش
فىزىكا بىلىملىرى
جىسىملار سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ تەۋرىنىشىدىن ئاۋاز دولقۇنلىرىنى تارقىتىش ھادىسىسى ئاۋاز تارقىتىش دەپ ئاتىلىدۇ.
كىشىلەر قۇم قازان (قۇم چۆگۈن) نى تاللىغاندا، كۆپ ھاللاردا كىچىك تاياق بىلەن بوش ھالدا بىرنەچچىنى ئۇرۇپ كۆرۈپ، قۇم قازاندا دەزنىڭ بار- يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ؛ دوختۇرلار كۆپىنچە بارمىقى ئارقىلىق كېسەل كىشىنىڭ كۆكرەك قىسمى، قورساق قىسمىغا چېكىپ، ئاۋازغا ئاساسەن قايسى قىسىم ئەزادا چاتاق بارلىقىغا دىئاگنوز قويىدۇ؛ پويىز ئىستانسىغا كىرگەندە، دائىم تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ بولقا بىلەن پويىز چاقى، پويىز ئوقى، پۇرژىنىلىرىغا ئۇرۇپ كۆرۈپ، چىققان ئاۋازغا ئاساسەن دېتالدا دەز ياكى بوشاپ قېلىشنىڭ بار - يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاۋاز تارقىتىشتىن پايدىلىنىشنىڭ ئەمەلىي مىسالى.
تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ھەرقانداق جىسىم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا دېفورماتسىيە (شەكىل ئۆزگەرتىدۇ) ھاسىل قىلىدۇ، دېفورماتسىيە بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە دەز كېتىدۇ ياكى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا، جىسىمنىڭ ئىچكى قسىمى تەۋرىنىش سەۋەبىدىن ئوخشىمىغان ئاۋازنى چىقىرىدۇ. بەدىنىمىز كارىۋات تاختايلىرىنى باسقاندا چىققان «غىچ - غىچ» ئاۋازلار، ئېغىر نەرسىلەرنى ئەپكەش بىلەن كۆتۈرگەندە ئەپكەشنىڭ ئاستى - ئۈستىگە پۇلاڭلىشىدىن كېلىپ چىققان ئاۋاز قاتارلىقلارنى قۇلىقىمىز سېزەلەيدۇ. ئەمما كۆپ ھاللاردا، بولۇپمۇ جىسىمنىڭ ئىچكى قىسمىدا ناھايىتى كىچىك دەز كۆرۈلگەندە، ئاۋازنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئادەم قۇلىقى ئاڭلىيالمايدۇ، بۇنداق چاغدا ئاۋاز تارقاتقۇچى ئەسۋابتىن پايدىلىنىش كېرەك.
ئاۋاز تارقاتقۇچى ئەسۋابتا ناھايىتى سەزگۈر سېنزور (سېزىم تارقاتقۇچ) بار بولۇپ، جىسىم تارقاتقان ئاجىز ئاۋازنى ھەم ئاۋازنىڭ ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلىۋېلىپ، كۈچەيتىپ كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر جىسىمنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دەزنى بىر قاراپلا كۆرۈۋالالايدۇ.
ئاۋاز تارقاتقۇچى ئەسۋاب ئارقىلىق تەكشۈرۈش بىلەن ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسىدە ئاۋازدىن پايدىلىنىلىپ جىسىمنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە شەكلىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئەمما، ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشتە پەقەت بار بولغان دەز (ياكى نۇقسان) گە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، دەزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى كۆزىتىلىدۇ؛ ئاۋاز تارقاتقۇچى ئەسۋاب ئارقىلىق تەكشۈرۈشتە، زاپچاس ياكى ئۈسكۈنە پىششىقلىنىپ ئىشلىنىۋاتقان، ئايلىنىۋاتقان جەرياندا ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، دەزنىڭ كېلىپ چىقىشى، شەكىللىنىش جەريانى بىلدۈرۈلىدۇ، يەنە دەز ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان ياكى باشقا نۇقسانلار بارلىققا كەلگەن ئەھۋالدا ۋاقتىدا سىگنال بېرىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاۋاز تارقاتقۇچى ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۆلچىمى، شەكلى ۋە مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۇنىڭ سېنزورى ھەرقانداق ئورۇنغا مۇقىملاشتۇرۇلسىمۇ ئوبدان ئىشلەۋېرىدۇ. بۇ چوڭ تىپتىكى، چۇۋۇش تەس بولغان ياكى يېقىنلاشتۇرغىلى بولمايدىغان قۇرۇلمىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش، ئۆلچەش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىنتايىن قۇلايلىق يارىتىلىدۇ. مەسىلەن، دېڭىزدىكى نېفىت چارلاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتە، بۇ ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ