UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئىنفرا ئاۋاز

ئىنفرا ئاۋاز

فىزىكا بىلىملىرى يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى، نۇرغۇن ھايۋانلاردا غەلىتە ئىنكاسلار كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، چاشقانلار ئۇۋىسىدىن قېچىپ چىقىدۇ، ئات - كالىلار قوتانغا كىرمەيدۇ، ئىت - توخۇلار تىنچ تۇرمايدۇ، قاتارلىقلار. بۇنى ئاساسلىق يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرىكى بىزنىڭ ئەتراپىمىزغا يوشۇرۇنغان كۈچلۈك ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر سېكۇنت ئىچىدىكى جىسىمنىڭ تەۋرىنىش قېتىم سانى چاستوتا دەپ ئاتىلىدۇ. چاستوتىنىڭ بىرلىكى ھېرتىس (بەلگىسى Hz). ئادەمنىڭ قۇلىقى سېزەلەيدىغان ئاۋاز دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى 20Hz تىن تۆۋەن بولمايدۇ. فىزىكىدا چاستوتىسى 20Hz تىن تۆۋەن ئاۋاز دولقۇنى ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى دەپ ئاتىلىدۇ، قىسقىچە ئىنفرا ئاۋاز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئادەملەر ئاڭلىيالمايدىغان ئاۋاز دولقۇنى، ئەمما بۇ دولقۇن ھەر دائىم ئەتراپىمىزدا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئايروپىلان ئۇچقان، پويىز، ئاپتوموبىللار تېز ماڭغان، شامالدۇرغۇچ، خاڭدىغۇچ، گېنېراتور قاتارلىق ماشىنىلار ئايلىنىۋاتقاندا، تەبىئەتتىكى يانار تاغلار پارتلىغان، يەر تەۋرىگەن، تەيفېڭ بورىنى چىققان، چاقماق چاققاندا ئاڭلىغىلى بولىدىغان ئاۋاز دولقۇنى چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى چىقىرىدۇ. ئىنفرا ئاۋازنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ تارقىلىش جەريانىدا ناھايىتى ئاز ئاجىزلايدۇ، ئاسانلىقچە سۇ ياكى ھاۋا تەرىپىدىن سۈمۈرۈلمەيدۇ، ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى نەچچە يۈز مېتىر، ھەتتا نەچچە10 مىڭ مېتىرغا يېتىدۇ، مەسىلەن، چاستوتىسى 0.2Hz بولغان ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ھاۋادىكى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 1700m بولىدۇ. دولقۇننىڭ دىفراكسىيىلىنىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، بۇ خىل ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى ناھايىتى ئاسانلا توسالغۇدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئالدىغا تارقىلىپ، ناھايىتى يىراقلارغا بارالايدۇ، شۇنداقلا كىرمەيدىغان تۆشۈكى قالمايدۇ، بىنالار، برونېۋىك، ئايروپىلان، سۇ ئاستى پاراخوتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنىنى توسىيالمايدۇ. تەيفېڭ بورىنى، يەر تەۋرەش، يادرو پارتلىتىشى ياكى ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلگەندە ھاسىل بولغان ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى يەر شارىنى2 ~3 قېتىم ئايلىنىپ چىقالايدۇ.1961 - يىلى چىلىدا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە، ئالىملار سائىتىگە بىر قېتىم تەۋرىنىدىغان ئىنفرا ئاۋازنى قوبۇل قىلغان. ئادەم قۇلىقى ئاڭلىيالمايدىغان، ئەمما ھېس قىلالايدىغان ئىنفرا ئاۋازنىڭ چاستوتىسى 2Hz تىن20Hz قىچە بولغان دائىرىدە بولۇپ، ئادەتتە پاراخوتتا باش قېيىش، ئاپتوموبىلدا باش قېيىش مۇشۇ دائىرىدە بولىدۇ. ئىنفرا ئاۋاز ئادەم قۇلىقىغا ئاڭلانمىسىمۇ، ئەمما ئادەمگە زىيان سالىدۇ. ئىنفرا ئاۋازمۇ شاۋقۇنغا ئوخشاشلا، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئاۋاز بۇلغانمىسىدىن ئىبارەت. ئادەم 2Hz~10Hz قىچە بولغان ئىنفرا ئاۋازنى «ئاڭلاپ»، بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە، ئادەمدە ۋەھىمە بېسىش، كۆڭلى ئايىنىش، بېشى قېيىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 5Hz ئەتراپىدىكى ئىنفرا ئاۋازنىڭ ئادەمگە بولىدىغان زىيىنى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئېلىشىپ قېلىش، چوڭ مېڭە زەخىملىنىش، كۆرۈش سېزىمى غۇۋالىشىش، قان بېسىمى ئۆرلەش، پۇت - قولى ئۇيۇشۇپ قېلىش، ھەتتا بەش ئەزاسى يېرىلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەلگىلىك قۇۋۋەتكە ئىگە ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى بىنالارغا قارىتا چوڭ بۇزغۇنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىر ئالىملار ئىنفرا ئاۋازنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولىدىغان زىيىنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىنفرا ئاۋازنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلماقتا. يەنە بىر جەھەتتىن، ئىنفرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئاتموسفېرادا يادرو پارتلىشىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرىكى كۈچلۈك ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ھايۋانلارنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ھادىسىسىمۇ يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ پايدىلىنىش ئاساسى قىلىنىدۇ؛ ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى يەنە تەيفېڭ بورىنىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ خەۋەرچىسى بولۇپ، كىشىلەر تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئورنى، تارقىلىش يولى ۋە كۈچلۈكلۈكىنى ھەر ۋاقىت ئالدىن مەلۇم قىلىپ تۇرىدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى