دۋىگاتېل
فىزىكا بىلىملىرى
تارىختا نۇرغۇن كىشىلەر ھېچقانداق ئېنېرگىيە ۋە يېقىلغۇ سەرپ قىلمايلا، ئىش ئىشلىيەلەيدىغان بىر خىل مەڭگۈلۈك دۋىگاتېلنى قىياس قىلىشقان.
دۇنيا بويىچە تۇنجى مەڭگۈلۈك دۋىگاتېىل لايىھىسى700 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئەسىردە بارلىققا كېلىپ، «سېھرىي چاق» دەپ ئاتالغان. بۇ خىل ماشىنا چاقىنىڭ مەركىزىدە بىر ئايلىنىش ئوقى بار بولۇپ، چاقنىڭ گىرۋىكىگە ھەرىكەتلىنەلەيدىغان12 تال قىسقا دەستە ئورنىتىلىپ، ھەربىر قىسقا دەستىنىڭ بىر ئۇچىغا بىردىن تۆمۈر شارچە ئورنىتىلغان. بۇ لايىھىنى قىياس قىلغۇچى مۇنداق دەپ قارىغان: ئوڭ تەرەپتىكى شارچىلار سول تەرەپتىكى شارچىلارغا قارىغاندا ئوقتىن يىراقراق، پىشاڭ پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئوڭ تەرەپتىكى شارچىلار ھامان چاقنى تۆۋەنگە باسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چاق سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى بويىچە مەڭگۈ توختىماستىن ئايلىنىۋېرىدۇ ھەمدە ماشىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئايلاندۇرىدۇ.
»سېھرىي چاق« ياساپ چىقىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىش ئىشلىيەلمىگەن. گەرچە چاقنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تۆمۈر شارچىلار ئوقتىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانى سول تەرەپتىكى تۆمۈر شارچىلاردىن ئاز. ئوڭ تەرەپتە4 تۆمۈر شارچە، سول تەرەپتە بولسا7 تۆمۈر شارچە بار (ئەڭ ئاستى تەرەپتىكى بىر تۆمۈر شارچىنىڭ ئېغىرلىقى كۈچنىڭ تەسىر قىلىش سىزىقى ئوق مەركىزىدىن ئۆتۈپ، چاقنى ئايلاندۇرىدىغان تەسىر كۈچ ھاسىل قىلالمايدۇ)، نەتىجىدە ئوڭ - سول ئىككى تەرەپتىكى ئوقنى ئايلاندۇرىدىغان تەسىر كۈچلەر دەل ئۆزئارا تەڭ بولۇپ، تەڭپۇڭلىشىدۇ، شۇڭا چاق ئۈزلۈكسىز ئايلىنالمايدۇ، بىرنەچچە قېتىم تەۋرىنىپلا، رەسىمدە سىزىپ كۆرسىتىلگەن ئورۇندا توختاپ قالىدۇ.
قەدىمدىن ھازىرغىچە، مەڭگۈلۈك دۋىگاتېل ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئىشتىياق باغلىغانلار ھەر خىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ھەر خىل مەڭگۈلۈك دۋىگاتېل لايىھىلىرىنى لايىھىلەپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن بىرەر كىشىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار تەبىئەتتىكى بىر مۇھىم قانۇنىيەت − ئېنېرگىيىنىڭ ئايلىنىش ۋە ساقلىنىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان.
كۆپلىگەن تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى ئېنېرگىيە باشقا شەكىلدىكى ئېنېرگىيىگە ئايلىنىش جەريانىدا ياكى بىر جىسىمدىن باشقا بىر جىسىمغا يۆتكىلىش جەريانىدا ئومۇمىي ئېنېرگىيە ئۆزگەرمەيدۇ، بۇ، ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، چوغلاندۇرۇلغان بىر پارچە تۆمۈرنى بىر چېلەك سوغۇق سۇغا سالغاندا، تۆمۈر پارچىسى چىقارغان ئىسسىقلىق سوغۇق سۇ سۈمۈرۈۋالغان ئىسسىقلىققا ھامان تەڭ بولىدۇ. ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى پەقەتلا تۆمۈر پارچىسىدىن سوغۇق سۇغا يۆتكىلىدۇ، ئاشمايدۇ ياكى كېمەيمەيدۇ.
ئىنسانىيەت ئەمەلىيەتتىن يەنە شۇنى تونۇپ يەتتىكى، ھەرقانداق مېخانىزم سىرتقا قارىتا ئىش ئىشلىگەندە ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ، مەسىلەن، تراكتور يەر ئاغدۇرغاندا دىزېل مېيىنىڭ خىمىيىلىك ئېنېرگىيىسىنى سەرپ قىلىدۇ. ئېلېكتر ماتور سۇ پومپىسىنى ئايلاندۇرۇپ سۇ چىقىرىشتا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى سەرپ قىلىدۇ، قاتارلىقلار، ئېنېرگىيە سەرپ قىلمايدىغان مېخانىزم ئىش ئىشلىيەلمەيدۇ، شۇنداقلا مەڭگۈ ھەرىكەت قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا، مەڭگۈلۈك دۋىگاتېل بىر خىل خىيالىي ماشىنىدىن ئىبارەت.