UyghurWiki
UyghurWikiفىزىكا بىلىملىرىئېلېكتر سايمانلىرىنى ئۇلاشنىڭ ئىككى خىل ئاساسىي ئۇسۇلى

ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئۇلاشنىڭ ئىككى خىل ئاساسىي ئۇسۇلى

فىزىكا بىلىملىرى ئائىلىدىكى ئېلېكتر سايمانلىرى، مەسىلەن، ئېلېكتر لامپىسى، ۋىكليۇچاتېل (ئۈز - چات)، ئېھتىيات سىمى ۋە شامالدۇرغۇچ، تېلېۋىزور، كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنىڭ توك مەنبەسى روزېتكىسى (چېتىلغۇچىسى) ئارقىمۇئارقا ئۇلىنىش ياكى يانداش ئۇلىنىش ئۇسۇلى بويىچە ئۇلىنىدۇ. يورۇتۇش ئېلېكتر زەنجىرىدە، كىشىلەر ئېلېكتر لامپىلىرىنى ياندۇرۇشقا ۋە ئۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. لامپىنى ياندۇرغاندا ئېلېكتر زەنجىرى ئۇلىنىپ، توك ۋىكليۇچاتېل ۋە ئېلېكتر لامپىسىدىن ئۆتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال تۇتاش زەنجىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئېلېكتر لامپىسىنى ئۆچۈرگەندە، ئېلېكتر زەنجىرى ئۈزۈلۈپ، ئېلېكتر لامپىسى ۋە ۋىكليۇچاتېلدىن توك ئۆتمەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۈزۈك زەنجىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئېلېكتر لامپىسىنى ھەردائىم كونترول قىلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ۋىكليۇچاتېل بىلەن ئېلېكتر لامپىسىنى رەت بويىچە تۇتاشتۇرۇش كېرەك، بۇ خىل ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىمۇئارقا ئۇلاش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆيگە ئىككى دانە ئېلېكتر لامپىسى ئورنىتىلىپ، بۇ ئىككى ئېلېكتر لامپىسىنى تەڭلا ياندۇرۇش تەلەپ قىلىنمىغاندا، بىر دانە ئېلېكتر لامپىسىنى ياندۇرغان ۋە ئۆچۈرگەندە، يەنە بىر ئېلېكتر لامپىسىغا تەسىر قىلمايدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ چاغدا بۇ ئىككى ئېلېكتر لامپىسىنى ئىككى تال ئېلېكتر سىمىغا يانداش ئۇلاش كېرەك، بۇنداق ئۇلاش ئۇسۇلى يانداش ئۇلاش دەپ ئاتىلىدۇ. يانداش ئۇلانغان ئېلېكتر زەنجىرىدە، بىر قىسىم توك بىر ئېلېكتر لامپىسىدىن ئۆتىدۇ، يەنە بىر قىسىم توك يەنە بىر ئېلېكتر لامپىسىدىن ئۆتىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئېلېكتر لامپىسىنى ئۆچۈرگەندە، يەنە بىر ئېلېكتر لامپىسى ئۈزلۈكسىز يانىدۇ. ئارقىمۇئارقا ۋە يانداش ئۇلاشتىن ئىبارەت ئېلېكتر زەنجىرىنى ئۇلاشنىڭ ئىككى خىل ئاساسىي ئۇسۇلى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا دائىم قوللىنىلىدۇ. كوچىدىكى ئېلېكتر لامپىلىرىمۇ يانداش ئۇلانغان، ئەگەر بىر ئېلېكتر لامپىسى بۇزۇلۇپ قالسا، قالغان ئېلېكتر لامپىلىرى نورمال يانىدۇ. شامالدۇرغۇچ، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ توك مەنبەسى روزېتكىلىرى ئېلېكتر لامپىلىرىغا يانداش ئۇلىنىدۇ. مەيلى يەككە ھالدا ئىشلىتىلسۇن ياكى تەڭلا ئىشلىتىلسۇن، ئۆزئارا تەسىر قىلىشمايدۇ. ھەر خىل ئېلېكتر سايمانلىرى پەقەت ۋىكليۇچاتېل بىلەن ئارقىمۇئارقا ئۇلانغاندىلا، ئاندىن قوزغىتىشنى ۋە توختىتىشنى ۋاقتىدا كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ئېھتىيات سىمى ئېلېكتر زەنجىرىگە ئارقىمۇئارقا ئۇلانغاندىلا، ئاندىن توك چوڭىيىپ خەتەرلىك دەرىجىگە يەتكەندە، ئاپتوماتىك ھالدا ئېلېكتر زەنجىرىنى ئۈزۈۋېتىپ، توك ئىشلەتكۈچى ئۈسكۈنىلەرنى قوغدايدۇ. قولچىراغ ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك رادىئو قوبۇللىغۇچلاردىكى باتارېيىلەرمۇ ئارقىمۇئارقا ئۇلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار فىزىكا بىلىملىرى
ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئۇلاشنىڭ ئىككى خىل ئاساسىي ئۇسۇلى | UyghurWiki | UyghurWiki