سۇيۇقلۇق پرېسى
فىزىكا بىلىملىرى
ئۆزى يۈك چۈشۈرەلەيدىغان يۈك ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى كران، سۇيۇقلۇق بېسىملىق قازغۇچى ماشىنا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە بىردىن سۇيۇقلۇق پرېسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكرەك كۈچنى ناھايىتى چوڭ كۈچكە ئايلاندۇرۇالايدۇ.
سۇيۇقلۇق پرېسىنىڭ «كۈچ» نى چوڭايتالىشى فىزىكىدىكى بىر ئاساسىي قانۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك.17 - ئەسىردە، فرانسىيىلىك ئالىم پاسكال تەجرىبە ئارقىلىق، ھىملانغان قاچىدىكى سۇيۇقلۇققا بېرىلگەن بېسىمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئۆزگەرمىگەن ھالدا سۇيۇقلۇق تەرىپىدىن ھەرقايسى يۆنىلىشلەرگە ئۇزىتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان، مانا بۇ پاسكال قانۇنىدۇر. بۇ قانۇننى تەجرىبە ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان سۇيۇقلۇق سىلىندىرىغا ماي تولدۇرۇپ، ئىككى سۇيۇقلۇق سىلىندىرىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە پورشېن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كىچىك پورشېنغا بېسىم كۈچى چۈشۈرگەندە، كىچىك پورشېننىڭ مايغا بولغان بېسىمى ماي ئارقىلىق چوڭ - كىچىكلىكى ئۆزگەرمىگەن ھالدا چوڭ پورشېنغا ئۇزىتىپ بېرىلىپ، چوڭ پورشېننى يۇقىرىغا ئىتتىرىدۇ. ئەگەر چوڭ پورشېننىڭ يۈزى2 S كىچىك پورشېننىڭ يۈزى1 S نىڭ100 ھەسسىسى بولسا، چوڭ پورشېن ئېرىشكەن ئىتتىرىش كۈچى2 F كىچىك پورشېنغا بېرىلگەن بېسىم كۈچى1 F نىڭ100 ھەسسىسى بولىدۇ.
ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇقلۇق پرېسلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ئىقتىدارلىرى ئۆزگىچە، ئەمما پرىنسىپلىرى ھەممىسىنىڭ ئوخشاش. ھازىر سۇيۇقلۇق پرېسى ئىنتايىن كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئاپتوموبىلدىكى سۇيۇقلۇق بېسىملىق ھەرىكەت ئۇزىتىپ تۇرمۇزلاش؛ سۇيۇقلۇق بېسىملىق دامكرات؛10 مىڭ توننىلىق يىراق ئوكيان پاراخوتىدىكى سۇيۇقلۇق بېسىملىق رول مەشغۇلات قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار. سۈنئىي ئالماس تېخنىكىسىدىمۇ سۇيۇقلۇق پرېسى ئارقىلىق50 ~60 مىڭ ئاتموسفېرا بېسىملىق ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئومۇمەن، تەسىر كۈچنى چوڭايتىش زۆرۈر بولغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە سۇيۇقلۇق پرېسىنىڭ ئىزى بار.