سۈركىلىش ۋە سۈركىلىش كۈچى
فىزىكا بىلىملىرى
سۈركىلىش ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك بولغان بىر خىل ھادىسە. تۆمۈر مىخ ۋە بۇرما مىخلارنى تامغا مۇقىملاشتۇرۇشتا سۈركىلىشكە تايىنىلىدۇ. ھەر خىل زاپچاسلاردىن ۋېلىسىپىت، ئاپتوموبىل، كىرئالغۇ قاتارلىق ماشىنىلارنى قۇراشتۇرۇپ چىقىشتىمۇ سۈركىلىشكە تايىنىلىدۇ؛ ۋېلىسىپىت، ئاپتوموبىل، پويىزلارنى تورمۇزلاشتىمۇ ئوخشاشلا سۈركىلىشكە تايىنىلىدۇ. ئەگەر دۇنيادا سۈركىلىش بولمىسا، ئىنسانىيەتنىڭ قانداق ياشىشىنى ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
سۈركىلىش ئۆزئارا تېگىشىپ تۇرغان جىسىملارنىڭ تېگىشىش يۈزىدە يۈز بېرىدىغان نىسپىي ھەرىكەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھادىسىدىن ئىبارەت. نىسپىي ھەرىكەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان كۈچ سۈركىلىش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان سۈركىلىش ھادىسىلىرىگە ئاساسەن، سۈركىلىشنى تىنچ سۈركىلىش، سىيرىلما سۈركىلىش ۋە دومىلىما سۈركىلىشلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
ئۈستەلنى گورىزونتال يەر يۈزىگە قويۇپ، كىچىك كۈچ ئىشلىتىپ ئۇنى ئالدىغا ئىتتىرسە، گەرچە ئۇ قوزغالمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىغا قارىتا ھەرىكەت قىلىشقا يۈزلىنىشى بولىدۇ، ئۈستەل بىلەن يەر يۈزى ئارىسىدا سۈركىلىش كۈچى ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىل سۈركىلىش كۈچى تىنچ سۈركىلىش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈستەل ئۇچرىغان تىنچ سۈركىلىش كۈچى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا قارىتا ھەرىكەت قىلىشقا يۈزلىنىشنىڭ يۆنىلىشى قارىمۇقارشى بولىدۇ. تىنچ سۈركىلىش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئىتتىرىش كۈچىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چوڭىيىدۇ، ئىتتىرىش كۈچى چوڭىيىپ مۇئەييەن چەككە يەتكەندە، ئۈستەل ئىتتىرىلىپ قوزغىتىلىدۇ، بۇ چاغدىكى تىنچ سۈركىلىش كۈچى ئەڭ چوڭ تىنچ سۈركىلىش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. جىسىمغا تەسىر قىلغان سىرتقى كۈچ ئەڭ چوڭ تىنچ سۈركىلىش كۈچىنى يەڭگەندىلا، ئاندىن جىسىم سىيرىلىشقا باشلايدۇ. كاھىشلارنىڭ »人« شەكىللىك ئۆگزىنى يېپىپ تۇرۇشى، تۆمۈر مىخ بىلەن بۇرما مىخنى مىخلاشقا بولۇشى، چوكا ئارقىلىق قورۇمىنى قىسىپ ئېلىشقا بولۇشى، ئادەملەرنىڭ يەر يۈزىدە مېڭىپ يۈرۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە تىنچ سۈركىلىش كۈچىگە تايىنىلىدۇ.
جىسىم باشقا بىر جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىدە سىيرىلغاندا ھاسىل بولغان سۈركىلىش كۈچى سىيرىلما سۈركىلىش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. جىسىم ئۇچرىغان سىيرىلما سۈركىلىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى جىسىمنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىگە قارىمۇقارشى بولىدۇ. ئوخشاش ئىككى جىسىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېگىشىش يۈزىدە ھاسىل بولغان سىيرىلما سۈركىلىش كۈچى ئەڭ چوڭ تىنچ سۈركىلىش كۈچىدىن ئازراق كىچىك بولىدۇ.
بىر جىسىم باشقا بىر جىسىم ئۈستىدە دومىلىغاندا ھاسىل بولغان سۈركىلىش دومىلىما سۈركىلىش دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئەڭ چوڭ تىنچ سۈركىلىش ۋە سىيرىلما سۈركىلىشلەردىن كۆپ كىچىك بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، دومىلىما سۈركىلىش قارشىلىق كۈچى سىيرىلما سۈركىلىش قارشىلىق كۈچىنىڭ40 /1 ىدىن60 /1 ىگىچە بولىدۇ. شۇڭلاشقا، يەر يۈزىدە جىسىمنى دومىلاتسا جىسىمنى ئىتتىرىپ سىيرىلدۇرغانغا قارىغاندا كۈچتىن كۆپ ئۇتقىلى بولىدۇ.
تىنچ سۈركىلىش كۈچى بىلەن سىيرىلما سۈركىلىش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى سۈركىلىش قىلغان جىسىملار ئارىسىدىكى بېسىم كۈچى ۋە تېگىشىش يۈزلىرىنىڭ سىلىقلىق دەرىجىسىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بېسىم كۈچى چوڭ بولسا، سۈركىلىش كۈچى چوڭ بولىدۇ؛ تېگىشىش يۈزلىرى قانچە يىرىك بولسا، سۈركىلىش كۈچىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. تاسما بىلەن تاسما چاق ئارىسىدىكى سۈركىلىش بەك كىچىك بولۇپ قالسا، تاسما تېيىلىدۇ؛ ئەگەر تاسمىنى چىڭراق تارتىش ياكى دىۋېرقاينى تاسمىنىڭ سىرتقى يۈزىگە سۈرۈش ئارقىلىق سۈركىلىش كۈچىنى چوڭايتىش ئارقىلىق، تاسمىنىڭ تېيىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ۋېلىسىپىت، ئاپتوموبىل چاقلىرىغا ئۈدۈر - بۈدۈر ئىزلارنىڭ چىقىرىلىشى، مۇز قاتقان يوللارغا كۆمۈر شاخارلىرىنى چېچىپ قويۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۈركىلىش كۈچىنى چوڭايتىش ئۈچۈندۇر.
سۈركىلىش ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداقلا، كۆپلىگەن ئاۋارىچىلىكلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، ماشىنا ھەرىكەتلەندۈرۈلگەندە، سىيرىلما ھەرىكەت قىلىدىغان دېتاللىرىنىڭ ئۆزئارا سۈركىلىشى سەۋەبىدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىسراپ بولىدۇ، يەنە ماشىنىنىڭ زاپچاسلىرى ئۇپراپ، ئۆمرى قىسقىرايدۇ. ئاياغنىڭ سۈركىلىپ تېشىلىپ كېتىشى، ۋېلىسىپىت چاقىنىڭ ئۈدۈر - بۈدۈر ئىزلىرىنىڭ سۈركىلىپ سىلىقلىنىپ كېتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۈركىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.